«ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئارىسىدا سودا ئۇرۇشى بۇرۇنلا باشلىنىپ بولدى»

فىرانسىيە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بىرۇنو لې مايېر ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئارىسىدا سودا ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇنلا باشلىنىپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئارىسىدا سودا ئۇرۇشى بۇرۇنلا باشلىنىپ بولدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بىرۇنو لې مايېر ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئارىسىدا سودا ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇنلا باشلىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

بىر يىغىندا «بۇ يەردىكى مەسىلە سودا ئۇرۇشى يۈز بېرىپ يۈز بەرمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس، ئەسلىدە سودا ئۇرۇشى بۇرۇنلا باشلىنىپ بولدى»دېگەن فىرانسىيە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تاموژنا بېجى بەلگىلىمىسى يولغا قويماسلىققا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈلسە، مەسىلەن ئاپتوموبىل سانائىتىگە قوشۇمچە باجلار قويۇلسا، ياۋروپانىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىق ئىچىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك.»

لې مايېر يەنە: ھۇجۇمغا ئۇچرىساق كوللېكتىپ ھالدا تاقابىل تۇرۇشىمىز لازىم، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر