يېڭى دەۋر تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ مالىيە سىياسەتلىرى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «يېڭى دەۋر تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ مالىيە سىياسەتلىرى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

يېڭى دەۋر تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ مالىيە سىياسەتلىرى

يېڭى دەۋر تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ مالىيە سىياسەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «يېڭى دەۋر تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ مالىيە سىياسەتلىرى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

24 – ئىيۇن سايلاملىرىدىن كېيىن تۈركىيەدە يېڭى باشقۇرۇش شەكلىنى يەنى جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى تولۇق مەنىدە ئىجرا قىلىشنى باشلاش ئۈچۈن، سۈرئەت بىلەن قەدەم تاشلاندى. تۈركىيەنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئېھتىياجلىرىغا جاۋاب بېرىدىغان، باشقۇرۇشتا مۇقىم، پائال ۋە ئۈنۈملۈك بىر قۇرۇلمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان بۇ سىستېما، ئىجرائىيە قاتلىمىغا تېخىمۇ تېز، ئەمەلىي ۋە ئۈنۈم مەركەزلىك ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ئىقتىسادتىن تاشقى سىياسەتكىچە، خەۋپسىزلىكتىن ئېنېرگىيەگىچە بولغان بارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇساپىسىگە ھەسسە قوشىدىغان بۇ سىستېما يەنە، تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى رىقابەت كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. دۇنيا ئىقتىساد سەھنىسىدە سودا ئۇرۇشلىرى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سودا قورۇقچىلىقى مەركەزلىك ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ئارقىلىق دۇنيا سودىسىنىڭ يۆنىلىنىشىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تۈركىيەدە ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنىڭ قانداق قۇرۇلمىغا ئىگە بولىدىغانلىقى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقى مەسىلىسى ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

يېڭى سىستېمىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېمىسى بولغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىدىكى نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش مۇساپىسى، دۆلەت ئىقتىسادىدا سەكرەش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۇنيا ئىقتىساد سەھنىسىدە رىقابەت قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇلماقتا. بىراق، شۇنداق بىر ئەمەلىيەت باركى، بۇ خىل سەكرەپ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئىقتىساد سەھنىسىدىكى ئۆزگىرىش شاماللىرىغا ماسلىشالىشى ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان يېڭى يول خەرىتىلىرىگە ئېھتىياجى بار.

بىۋاسىتە چەت ئەل سېلىنمىسىنى جەلپ قىلىش جەھەتتە تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىشى ۋە تاشقى مالىيەگە بولغان ئېھتىياجىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بۇ يول خەرىتىسى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ دائىرىدە تاشلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى ئىستانبۇل مالىيە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى روياپقا چىقىرىش سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىدۇر. بۇ سايىدا، بىر تەرەپتىن تۈركىيە ئۆزىنىڭ مالىيە جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قامدىسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا مالىيە سىستېمىسىدا تۈركىيە ئىناۋەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قۇرۇلۇشقا ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىغا قاراشلىق مالىيە ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدىغان بولۇشىنىڭمۇ پۇل – مۇئامىلە بازارلىرى ئۈچۈن تولىمۇ خۇشاللىنارلىق خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن مالىيە مەسىلىسىدە يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، تولۇق مەنىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ بولالمىغان بايلىق فوندى، بۇ مۇساپىدە قايتىدىن مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەك. دۇنيادا ناھايىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان مىللىي بايلىق فوندىلىرى، مەيلى چوڭ قۇرۇلۇشلارنى مالىيە بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە بولسۇن، مەيلى تاشقى پېرېۋوتتىكى ھەرىكەتچانلىق تۈپەيلى پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدا مەيدانغا كېلىدىغان داۋالغۇشلارنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە بولسۇن، ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر مەنبە بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ تۈركىيە ئىقتىسادى يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپ قېتىم دۇچ كەلگەن تاشقى پېرېۋوتتىكى داۋالغۇشلار نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، بايلىق فوندىنىڭ پائال بىر قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىنىشى بىلەن بۇ خىل ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش لازىم. يەنە قەرز كاپالەت فوندىنىڭ ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە ناھايىتى مۇھىم بىر رولغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، سېلىنما ۋە ئېكسپورتنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشىدە ئاكتىپ ئىشلىتىلىشىنىمۇ تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش كېرەك.

يېڭى تۈزۈمنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى تۈركىيەنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 10 ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ دائىرىدە، تۈركىيە ئىقتىسادى ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا شەھەرمۇ شەھەر، رايونمۇ رايون، ئۆيمۇ ئۆي تەرەققىي قىلغان، ئىجتىمائىي باياشاتلىق كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، سىغدۇرۇشچان ۋە سىجىل ئېشىش نىشانلىرىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىغا ماسلاشقان بىر دۆلەت بولۇش يولىدا دادىل قەدەم ئېلىپ ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ يولدا مالىيە ئېھتىياجىنى قامدايدىغان ھەر بىر قەدەم تۈركىيەنى مەزكۇر نىشانغا تېخىمۇ تېز يەتكۈزىدۇ.

ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيەدە تېخىمۇ ئاز بىيۇروكراتىيە ۋە تېخىمۇ تېز قارار چىقىرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئەمگەك كۈچى بايلىقى مەركەزلىك تونۇشنى چىقىش قىلىدىغان ئۈنۈملۈك خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ ۋە پائال سىياسەتلەر يولغا قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر