فىرانسىيەدە مەمۇرلار ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى

فىرانسىيەدە مەمۇرلار يېقىنقى 8 ئاي ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى.

977433
فىرانسىيەدە مەمۇرلار ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىينىڭ پايتەختى جمھۇرىيەت مەيدانىدا باشلانغان ۋە 9 ئۇيۇشما رەھبەرلىرى بىلەن 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان ئىش تاشلاش جەرياندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلدى. پات - پات پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلار توۋلانغان ئىش تاشلاشتا، ئېممانۇئېل ماكروننىڭ مودېلىگە ئوت قويۇپ بېرىلدى. ئىش تاشلاش جەريانىدا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا پات - پات سۈركىلىش يۈز بەردى، ئىككى ئىش ئورنىغا ۋە بىر ئاپتوبۇس بېكىتىگە ئوت قويۇپ بېرىلددى، ئوت قويۇپ بېرىش قىلمىشلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 20 كىشى قولغا ئېلىندى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 180 نۇقتىدا باشلانغان ئىش تاشلاشقا 135 مىڭ مەمۇر ئىشتىراك  قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئۇيۇشمىلار بىلەن مەمۇرلارنىڭ سانى كەم دېگەندە ئىككى ھەسسە ئارتۇق ئىكەن.  ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن فىرانسىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ئانا ۋە  باشلانغۇچ  مەكتەپلەر، ئايرودۇرۇملار، تىرانسپورت ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىزمەتلىرى ئاقساپ قالغان.

ھۆكۈمەت بولسا، «2022 – نومۇرلۇق ئاممىىۋى پىلان» دەپ ئاتالغان ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى  دائىرىسىدە 5.5 مىليون مەمۇردىن 120 مىڭ مەمۇرنى قىسقىارتىشنى، بۇ ئارقىلىق 2020 – يىلدىن ئېتىبارەن يىلىغا 4.5 مىليارد ياۋرو تېجەپ قېلىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر