زامىر ئىقبال: تۈركىيە ئىسلامىي مالىيە مەركىزى بولالايدۇ

ئىسلامىي تەرەققىيات بانكىسى مۇئاۋىن باشلىقى زامىر ئىقبال، تۈركىيەنىڭ ئىسلامىي مالىيە جەھەتتە كۆرسەتكەن نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلىرى بارلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ مۇھىم نۇقتىلارغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

زامىر ئىقبال: تۈركىيە ئىسلامىي مالىيە مەركىزى بولالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلامىي تەرەققىيات بانكىسى مۇئاۋىن باشلىقى زامىر ئىقبال، تۈركىيەنىڭ ئىسلامىي مالىيە جەھەتتە كۆرسەتكەن نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلىرى بارلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ مۇھىم نۇقتىلارغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە ئىسلامىي مالىيەنىڭ مەركىزىگە ئايلىنالايدىغان كۈچكە ئىگە» دېدى.

زامىر ئىقبال رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازاندا قەرزدار بولۇش ئاساسىدىكى ئەنئەنىۋىي مالىيە سىستېمىسىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «خەۋپنى ئورتاقلىشىش ۋە مەۋجۈت مۈلۈكنى ئاساس قىلغان ئىسلام مالىيەسى بۇ ساھەدە مۇقىم ۋە داۋالغۇشلارغا تېخىمۇ چېدامچان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرۇن خىزمەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى» دېدى. 

زامىر ئىقبال تۈركىيەنىڭ ئىسلامىي مالىيە جەھەتتىكى كۆرگەستكەن خزمەتلىرىگە ئىنتايىن ئىجابىي باھا بەردى. «تۈركىيە دۇنيا بانكىسىغا بۇ جەھەتتە ياردەم قىلماقتا. ئىستانبۇل پايچېك بازىرىمۇ، دۇنيا بانكىسىنىڭ يەرشارى خاراكېترلىك ئىسلامىي مالىيەنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەركىزىنى ئاچتى. ئىستانبۇلنىڭ ئىسلامىي مالىيەنىڭ مەركىزىگە ئايلىنالىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە» دېدى.

زامىر ئىقبال ئىلگىرى دۇنيا بانكىسىنىڭ يەر شارى خاراكېتىرلىك ئىسلام مالىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزىنىڭ دىرىكتورى بولغان بولۇپ، ئۇ ھەر قانداق بىر جاينىڭ ئىسلامىي مالىيە مەركىزىگە ئايلىنىش ئۈچۈن جانلىق بىر مالىيە بازىرىغا ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە ئىسلامىي مالىيە ساھەسىدە كۆرسەتكەن نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلىرى ئارقىلىق بۇ سەھەدە ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتىغا يېتىپ كەلدى. تۈركىيەنىڭ بانكىچىلىق ساھەسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى ۋە بىر قانچىلىغان يەر شارى خاراكتېرلىك بازارلاردا ئۆزىنى ئىسپاتلىشى، جۇغراپىيەسىنىڭ ياۋروپاغا يېقىن بولۇشى ۋە دۆلەت يارىدىمى بىلەن ئىسلامىي مالىيە مەركىزىگە ئايلىنالايدىغان يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. تۈركىيە ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن تاشقى پىرۇۋېتتىكى چايقىلىشلارغا قارىماستىن، ئىسلامىي مالىيە سەھەسىدە تاشلىغان قەدەملىرى ۋە تاشلاش ئالدىدا تۇرغان قەدەملىرى بىلەن كۈچلۈك قوللاپ قۇۋۋەتلىمەتكتە»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر