كۆك ئالماس 6 مىليون 700 مىڭ دوللارغا سېتىلدى

يېقىنقى 300 يىلدىن بۇيان ياۋروپانىڭ ئېسىل جەمەتلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان كۆك ئالماس، شىۋېيىتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنەۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن تالاشتۇرۇپ سېتىش پائالىيىتى جەريانىدا 6 مىليون 700 مىڭ دوللارغا سېتىلدى.

كۆك ئالماس 6 مىليون 700 مىڭ دوللارغا سېتىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوتېبايس تالاشتۇرۇپ سېتىش ئۆيىدە بازارغا سېلىنغان كۆكئالماس ئەسلىدە ئىسپانىيە پادىشاھى 5فىلاپ 1715يىلى توي قىلغاندا، ئايالىغا توي سوزغا قىلغان ئالماس ئىدى.

300 يىل بويىچە ئىسپانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئاۋستېرىيەدىكى نۇرغۇنلىغان ئېسىلزادىلەرنىڭ قولىدىن قولىغا ئۆتۈپ تۇرغان 6.1 كىرات ئېغىرلىقتىكى بۇ كۆك ئالماس، ئاخىرى 6 مىليون 700 مىڭ دوللارغا سېتىلدى. لېكىن كىمنىڭ ئالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئالماسنىڭ ھىندىستاندىكى گولكوندا كانىدىن چىقىرىلغانلقى مەلۇم.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر