قازاقىستان ئىقتىسادى سۈرئەت بىلەن گۈللەنمەكتە

قازاقىستاننىڭ تاشقى سودىسى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە 2017 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %24.3 ئېشىپ 21 مىليارد 26 مىليون دوللارغا يەتتى.

قازاقىستان ئىقتىسادى سۈرئەت بىلەن گۈللەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكا كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا 2017 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە سېلىشتۇرغاندا، %24.3 ئېشىپ، 21 مىليارد 26 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئوخشاش مەزگىلدە دۆلەت ئېكسپورتىنىڭ %27 ئېشىپ 13 مىليارد 779 مىليون دوللارغا، ئىمپورتنىڭ %19.4 ئېشىپ 7 مىليارد 247 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكلىرى ئارىسىدا رۇسىيە، خىتاي، گوللاندىيە، تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، شىۋېيتسارىيە، ئۆزبېكىستان ۋە فىرانسىيە قاتارلىقلار ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر