ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق توك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى تۈركىيە بازارلىرىغا كىرىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۇنياغا داڭلىق توك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى تېسلانىڭ ئاپتوموبىللىرى  بۇ يىل تۈركىيە بازارلىرىغا كىرىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق توك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى تۈركىيە بازارلىرىغا كىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېسلا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە خوجايىنى ئېلون ماسك، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۇ يىل تېسلا شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى تۈركىيە بازارلىرىغا كىرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. بۇ جەرياندا مەنمۇ تۈركىيەدە بولىمەن، تۈركىيەنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر