فىرانسىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋەيران بولۇش خەتىرىگە دۇچ كەلدى

فىرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى لې مايرې "فىرانسىيە ھاۋا يوللىرى" (Air France) نىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويمىغان تەقدىردە ۋەيران بولۇش خەتىرىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

965365
فىرانسىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋەيران بولۇش خەتىرىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى لې مايرې "BFMTV" قانىلىنىڭ مەخسۇس پىروەراممىسىغا قاتنىشىپ، ئىككى يېرىم ئايدىن بېرى خىزمەتچىلىرى مائاشىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ ئىش تاشلىغان فىرانسىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن بېشارەت بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ھازىرقى ئەھۋالنى چۈشەنمەيمەن، بولمىسا فىرانسىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى توغرا يولدا ئىدى. ھازىرقى مەسىلە، رىقابەت ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنى ئاتمىغان تەقدىردە يوقىلىش خەتىرىگە دۇچ كېلىدىغان شىركەتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدۇر."

ئۇ ئىش تاشلىغان لىيۇتچىكلار ۋە باشقا خىزمەتچىلەرگە خىتاب قىلىپ: "شىركەتنىڭ خەتەردە ئىكەنلىكىنى، شىركەت سۇنغاندىن كۆپ مائاش تەلەپ قىلماسلىق كېرەكلىكىنى" ئىلگىرى سۈردى ۋە بارلىق خىزمەتچىلەرنى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى.

ئىككى ئايدىن كۆپ ۋاقىتتىن بېرى فىرانسىيە ھاۋا يوللىرى خىزمەتچىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان 11 ئۇيۇشما، مائاشلىرىنىڭ %6 ئۆستۈرۈپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، بەلگىلىك كۈنلەردە ئىش تاشلىماقتا.

شىركەت فىرانسىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ 2018-يىلنىڭ تۇنجى چارىكىدە 269 مىليون ياۋرو زىيان تارتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ئايمۇ ئىش تاشلاشنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، مۇنداق بولغاندا شىركەت زىيىنىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 300 مىليون ياۋرو بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

فىرانسىيەدە ئاۋىياتسىيە، تۆمۈر يولى ۋە باشقا ئورگانلاردىكى ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن رېستوران، ساياھەتچىلىك قاتارلىق مۇھىم ساھەلەر تەسىرگە ئۇچرىماقتا.

مەسئۇل دائىرىلەر ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن دۆلەت ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن زىياننىڭ %20 گە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر