يەرشارى خاراكتېرلىك سودا ئۇرۇشلىرى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «يەرشارى خاراكتېرلىك سودا ئۇرۇشلىرى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

955690
يەرشارى خاراكتېرلىك سودا ئۇرۇشلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «يەرشارى خاراكتېرلىك سودا ئۇرۇشلىرى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. 

دۇنيا سودىسىدىكى تەرتىپ – ئىنتىزام، ترامپ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سودا قورۇقچىلىقى سىياسەتلىرى سايىسىدا يېڭى تۈسكە كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئامېرىكىنىڭ تاشقى سودا قىزىل رەقىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە ئىمپورت قىلىۋاتقان تۆمۈر، پولات ۋە ئاليۇمىن قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى قارار قىلىشى، ئۇنى ئەڭ چودا سودا رىقابەتچىسى خىتاي بىلەن روبىرو ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشلىغان بۇ قەدەمنى جاۋابسىز قالدۇرمىدى؛ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر – بىرلىرىگە قارشى تاشلىغان قەدەملىرى، خەلقئارا سەھنىدە دۇنيا ئىقتىسادى يېڭى بىر كىرىزىسقا قاراپ كېتىۋاتامدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلدى.

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى ئاكتىيورى – خىتاي – بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى <دۇنيا سودىسىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ> دەپ قارىلىۋاتقان سودا سۈركىلىشىنىڭ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سودا ئۇرۇشلىرىنىڭ نېگىزى 8 – مارتتا ئامېرىكا تەرىپىدىن چىقىرىلغان تۆمۈر – پولات ئىمپورتىغا %25، ئاليۇمىن ئىمپورتىغا %10 قوشۇمچە باج قويۇش توغرىسىدىكى قارارغا بېرىلىپ تاقىلىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ قارارىنىڭ – كەچۈرۈم قىلىنغان دۆلەتلەردىن باشقا بارلىق ئەللەرگە يۈرگۈزۈلىدىغان بولۇشى، ئىنساننىڭ ئەقلىگە بىرىنچى بولۇپ ئەڭ چوڭ ئېكسپورتچىسى خىتاينى كەلتۈرىدۇ.

2017 – يىللىق ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ 115 مىليارد 800 مىليون دوللار، ئىمپورتىنىڭ بولسا، 480 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى؛ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتايغا نىسبەتەن ئېغىر دەرىجىدە تاشقى سودا تەڭپۇڭسىزلىقى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئامېرىكىنىڭ باج ئۆستۈرۈش قارارىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا خىتاينى ئوبيېكت قىلىدىغانلىقىدا شۈبھە يوق. دەرۋەقە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىۋاسىتە ھالدا خىتايغا قارشى قەدەم تاشلاش ئارقىلىق بۇ ئەھۋالنى روشەن ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 60 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتنىڭ قوشۇمچە باج قويۇش ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈشىنى قارار قىلدى.

خىتاي، ئامېرىكىنىڭ بۇ قەدىمىگە قانداق جاۋاب قايتۇردى؟ خىتاينىڭ بىرىنچى قەدىمى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان 128 تۈرلۈك مەھسۇلاتقا %15 بىلەن %25 ئارىسىدا باج قويۇشتىن ئىبارەت بولدى. ئارقىدىن 50 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 106 تۈرلۈك ئامېرىكا مەھسۇلاتىغا %25 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئارىسىدا ئايروپىلان، ئاپتوموبىل ۋە يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ بار.

خىتاي تاشلىغان بۇ قەدەملىرى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىگۈچى ھۆكۈمران كۈچ ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. خۇلاسىلىگەندە، نۆۋەتتە دۇنيا سودا ساھەسىدە كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە خىتاينىڭ، ئامېرىكىنىڭ بۇ چەكلىمىلىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ بۇ جاۋابىنى ترامپمۇ جاۋابسىز قالدۇرمىدى؛ ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەدەم تاشلاپ، خىتاينىڭ 100 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورتىغا قوشۇمچە باج قويۇش ئۈچۈن تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى باشلاش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

ئەمدى، ئىككى دۇنياۋى ئاكتىيور ئارىسىدىكى بۇ سۈركىلىش تۈركىيەگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كېلىدىغان بولساق، بۇ سۈركىلىشنىڭ تۈركىيەگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى پولات ۋە ئاليۇمىن ئىمپورتىغا قويۇلغان باجلاردىن ئىبارەت بولۇپ، تۈركىيە نۆۋەتتە بۇ باجلار كەچۈرۈم قىلىنغان دۆلەتلەر قاتارىدا يوق ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلىۋاتقان ئېكسپورتىدا پولات – تۆمۈر ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقان تۈركىيەگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى بار. خىتايغا ئوخشاش دۇنيا ئىقتىسادىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بىر بازارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ توسقۇنلۇقلىرىغا قاراپ سودىسىنى قىسقارتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، بۇ ئەھۋالنى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىمپورت ھەجىمىنىڭ تېخىمۇ ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

2017 – يىللىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلگەن 26 مىليارد دوللارلىق تۈركىيە – خىتاي تاشقى سودا ھەجىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى باردەك قىلىدۇ. بۇ يەردە گەرچە تۈركىيەنىڭ ئىمپورت نىسبىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيە مەۋجۇت سودا ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشى مۇمكىن.

خۇلاسىلىگەندە، نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادى يېڭى بىر كىرىزىسنىڭ گىرۋىكىدىمۇ ئەمەسمۇ دېگەندەك ئەنسىزلىكلەر داۋام قىلماقتا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۆزئارا ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ مۇساپە، يۈز بەرگۈسى بىر سودا ئۇرۇشىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيىشى خەۋپىنى كۈنسېرى ئېغىرلاشتۇرماقتا.

يۇقىرىقىغا ئوخشاش خەۋپلەر مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سودا قورۇقچىلىقى سىياسىتى خىتاينىڭ رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى يېڭەلەمدۇ ياكى خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ خىل قەدەملىرىنى يېڭىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى شەرتسىز ئورۇنغا ئىگە قىلىش يولىدا ئىلگىرىلەمدۇ؟ بۇنى ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە كۆرىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر