رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىغا قارشى ھەرىكەت ئۆتتى

بىر قىسىم رۇس پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگولىرىغا قارشى قانۇن لايىھەسى تۈزۈپ چىقتى.

952346
رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىغا قارشى ھەرىكەت ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگولىرىغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلاپ چىققان قانۇن لايىھەسىنىڭ پات يېقىندا ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىر قىسىم رۇس پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگولىرىغا قارىتا ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ چەكلىنىشىنى مەزمۇن قىلىدىغان قانۇن لايىھەسى تەييارلاپ چىقىپ پارلامېنتقا تەقدىم قىلدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىدا لايىھلەنگەن يۇمشاق دېتال پىروگراممىلىرى، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، دورا، تاماكا ۋە ھاراق قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلىدۇ.  

قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ خۇسۇسيلاشتۇرۇش لايىھەلىرىگە قاتنىشىشىمۇ چەكلىنىدۇ.

ئامېرىكا 2016-يىلدىكى سايلاملارغا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىر قىسىم رۇس ئەمەلدار ۋە كارخانچىلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنىدى.

قارا تىزىملىككە ۋىلادىمىر بوگدانوۋ، ئولېگ دېرىپاسكا، سۇلېيمان كەرىموۋ، ئىگور روتېنبېرگ، كىرىل شامولوۋ، ئاندرېي سىكوچ ۋە ۋىكتور ۋېكسېلبېرگ قاتارلىق شەخسلەر كىرگۈزۈلدى.

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قورال-ياراغ يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن روسوبورونېسپورت ناملىق رۇس شىركىتى ۋە بۇ شىركەت بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان RFC بانكىسىمۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شەخس ۋە ئورۇنلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىۋەتكەن ئامېرىكا ھاكىمىيىتى، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شەخس ۋە ئورۇنلار بىلەن سودا قىلىنىشىنىمۇ چەكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر