ترامپ 1.3 تىرىليون دوللارلىق خامچوت لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەسىتىقىدىن ئۆتكەن 1.3 تىرىليون دوللارلىق خامچوت لايىھەسىنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ماقۇللىدى.

936537
ترامپ 1.3 تىرىليون دوللارلىق خامچوت لايىھەسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خامچوت لايىھەسىدە كۆڭلىگە ياقمىغان نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، لايىھەنىڭ  2 مىڭ 200 بەتتىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنى ئوقۇپ تۈگىتىشنىڭ قىيىنلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ لايىھەنى تەنقىد قىلدى، شۇنداقتىمۇ خامچوت لايىھەسىدە دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 60 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئۈلۈش ئاجرىتىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇ ۋەجىدىن، مىللىي بىخەتەرلىكنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن لايىھەنى ئىمزالىدىم.»

خامچوت لايىھەسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بالا چېغىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن كەلتۈرۈلگەن ياشلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلرىنى قوغداش نىشان قىلىنغان «بالا چېغىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كەلگەنلەر ئۈچۈن كېچىككەن ھەرىكەت پىلانى» پىروگراممىسىغا ئالاقىدار ھېچقانداق بىر ماددىنىڭ بولماسلىقىنى تەنقىد قىلغان ترامپ، دېموكراتلارنىڭ كۆچمەنلەرنى ئويلاپ قويمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە، كۆچمەنلىك ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىگە قارىتا ئەندىشىلىرىنىڭ بارلىقىغا قارىماي ئىمزالىغان لايىھەنىڭ تۇنجى، شۇنداقلا ئاخىرقى لايىھە بولىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دۆلەت مەجلىسىگە قارىتىپ ئېيتىۋاتىمەن؛ بۇنداق بىر لايىھەنى قايتا ئىمزالىمايمەن، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنىڭدىن كېيىن قايتا بۇنداق قىلمايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر