ترامپ خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىش ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارنامىسىنى ئىمزالىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ تېخنولوگىيە ۋە تىجارەت سىرلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن مىلياردلارچە دوللارلىق قوشۇمچە باج ئېلىش ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارنامىسىنى ئىمزالىدى.

935799
ترامپ خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىش ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارنامىسىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قارارنامىنى ئىمزالىغاندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ پىكرىي ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە تېخنولوگىيەلىك سىرلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە خىتايغا قارىتا ئېلىنغان بىرقاتار ئىقتىساد - سودا تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

قارارنامىنى ئىمزالاش ھارپىسىدا قىسقىچە سۆز قىلغان ترامپ، خىتاينى «دوست» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا چوڭقۇر ھۆرمىتىم بار، ئۇلار بىزگە شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە ناھايىتى كۆپ ياردەم بېرىۋاتىدۇ.»

شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سودا جەھەتتىكى بوشلۇقنىڭ كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان قوشۇمچە باج ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە قويۇلىدىغان ئېمبارگولارنىڭ مىقدارىنىڭ 60 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قارارنامىنى ئىمزالاۋېتىپ، «بۇ نۇرغۇنلىغان قارارنامىلەرنىڭ دەسلەپكىسى» دېگەن سۆزى، «ئامېرىكا كەلگۈسىدە خىتايغا قارشى يېڭى ئىقتىساد - سودا تەدبىرلىرىنى ئېلىشى مۇمكىن» تەرىقىسىدە ئانالىز قىلىندى.

ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان قارارنامىگە ئاساسلانغاندا، ترامپ خىتايغا مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىش ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەش ۋەزىپىسىنى ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن سودا ئىشلىرى ۋاكالەتخانىسىغا بەرگەن.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا،  سودا ئىشلىرى ۋاكالەتخانىسى بەلگىلەپ چىقىدىغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن % 25 قوشۇمچە باج ئېلىنىدىكەن. بۇ، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى، ئاۋىياتسىيە، ئۇچۇر - ئالاقە تېخمىكىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىگە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. سودا ئىشلىرى ۋاكالەتخانىسىنىڭ قايسى مەھسۇلاتلاردىن قوشۇمچە باج ئېلىنىش ۋە قايسى خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشكە ئالاقىدار تىزىملىكنى 15 كۈن ئىچىدە جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭمۇ خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرۇلۇق 60 كۈن ئىچىدە ئاق سارايغا دوكلات سۇنۇشى شەرت ئىكەن.

قارارنامە يەنە،  سودا ئىشلىرى ۋاكالەتخانىسىنىڭ سودىغا ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەردە خىتاينىڭ  باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان ئىجرائاتلىرىغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر