بېيجىڭ ۋاشىنگتوننى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى خەۋپكە ئىتتىرمەسلىككە چاقىردى

خىتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قوشۇمچە باج قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىشىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

935810
بېيجىڭ ۋاشىنگتوننى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى خەۋپكە ئىتتىرمەسلىككە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قوشۇمچە باج قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىشىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، ۋاشىنگتوننى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى خەۋپكە ئىتتىرمەسلىككە، ئەقىلگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

خىتاي سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى ترامپ دائىرىلىرى تۈنۈگۈن ئىمزالىغان خىتايغا 60 مىليارد دوللارغا يېقىن قوشۇمچە باج قويۇشنى شۇنداقلا سېلىنمىغا چەكلىمە قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ھالدا، بۇ قەدەمنىڭ بىر تەرەپلىمە ۋە سودا مەنپەئەتچىلىكىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

قارارنامىنىڭ نە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا، نە خىتايغا، نە دۇنياغا پايدىلىق ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈلۈشىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇرمايدىغانلىقى، بۇ جەھەتتە يېتەرلىك تەييارلىقلارنى قىلغانلىقى ۋە يوللۇق ھەقلىرىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن قوغدايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«خىتاي سودا ئۇرۇشى قىلىشنى خالىمايدۇ، بىراق، بۇنداق بىر ئۇرۇشتىن قورقۇپمۇ قالمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، بېيجىڭنىڭ، ھەرقانداق ئۇرۇشقا جاۋاب قايتۇرالىغۇدەك قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سودا ئۇرۇشىنىڭ گىرۋىكىدىن قايتىپ، ئەقىلگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلدى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ خەۋپكە ئىتتىرىلمەسلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.

باياناتتا يەنە، ۋاشىنگتون دائىرىلىرى نۆۋەتتىكى خىتاي – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەمكارلىقىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن يىراق تۇرۇشقا، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئىككى تەرەپنىڭ مۇزاكىرە ۋە سۆھبەتلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ۋە خىتاينىڭ ئەندىشىلىرىنى يوققا چىقىرىشقا چاقىرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر