سېنېگال تۈركىيەدىن ياردەم كۈتمەكتە

سېنېگالنىڭ پايتەختى داكارنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا غەربلىكلەرنىڭ «قۇل سودىسى» نىڭ ئىزلىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان گورې ئارىلى تۈركىيەدىن ياردەم كۈتمەكتە.

سېنېگال تۈركىيەدىن ياردەم كۈتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېنېگالنىڭ ئەڭ قەدىمىي يادىكارلىقلىرىدىن بىرى بولغان، 1822 – يىلى سېلىنغان ۋە ئارالدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىردىنبىر ئىبادەتخانىسى ھېسابلىنىدىغان «گورې جامەسى» ئارالنىڭ داكارغا قارايدىغان ساھىل قىسمىغا جايلاشقان.

ئارال ئاھالىسى خەلقنىڭ ئىبادەت ئېھتىياجىنى تولۇق قامدىيالمايۋاتقان بۇ تارىخىي يادىكارلىقنىڭ دائىرىسىنىڭ تۈرك بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئۇسلۇبلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا تېخىمۇ كېڭەيتىلىشىنى ۋە ئارالدىكى سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلماقتا.

تۈركىيەنىڭ داكار باش ئەلچىسى نىھات جىۋانەر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئارال ئاھالىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن رايوندا زىيارەتتە بولغانلىقىنى، تۈركىيە ھەر يىلى ئارالدا قۇربانلىق گۆشلەرنى تارقىتىپ بېرىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدىغان بىردىنبىر دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، خەلقنىڭ نەزىرىدە «بىزگە پەقەت تۈركىيەلا ياردەم قىلالايدۇ» دەيدىغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جامەنىڭ گورې خەلقىنىڭ  جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كىچىك كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى ئۈچۈن باش ئەلچىخانىدىن ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن جىۋانەر، «دېمىسىمۇ، تۈركىيە ھېچقاچان ئافرىقا خەلقىنىڭ ئىستەكلىرىگە سۈكۈت قىلغان ئەمەس» دېدى.

جىۋانەر غەرب ئەللىرىنىڭ «قۇل سودىسى» سەۋەبىدىن تارىخىدا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەرد – ئەلەملەرگە سەھنە بولغان گورې ئارىلىنىڭ  ۋە بۇ دەرد – ئەلەملەر ھازىرغىچە يۈرەكلىرىنى ئېزىپ كېلىۋاتقان گورې خەلقىنىڭ كۆڭۈللىرىنى تەسكىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ بۇ جامەنى رېمونت قىلدۇرۇپ، چوڭايتىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گورې ئارىلىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) تەرىپىدىن «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جىۋانەر، ئارالنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى سەۋەبىدىن ناھايىتى كۆپ زىيارەتچى كېلىدىغان بىر جاي ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر