ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئاجراتقان مەبلىغى 70 مىليون دولاردىن ئارتۇق

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ج ك / پ ي د – ي پ گ گە ئاجراتقان مەبلەغ 70 مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئاجراتقان مەبلىغى 70 مىليون دولاردىن ئارتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ «سۈرىيە» دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ج ك / پ ي د – ي پ گ گە ئاجراتقان مەبلەغ 70 مىليون دوللاردىن ئاشىدىكەن، بۇ يىل ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلەغ بولسا يېرىم مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.

تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بېرىلىدىغان تىرانسپورت ۋاسىلىتىرى،  شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر، تانكا ئاتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە ئاپتوماتىك مىلتىقلار قاتارلىقلار ئۈچۈن 433 مىليارد دوللار ئاجرىتىلغان.

دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن بىر دانىسى تەخمىنەن 17 مىڭ دوللارلىق ئېغىر تىپلىق ئاپتوماتىك مىلتىقلاردىن 3500 دانە ئېلىنىدىكەن، دانىسى 3500 دوللارلىق « PKM » دەپ ئاتىلىدىغان مىلتىقلار ئۈچۈن 20 مىليون دوللار ئاجرىتىلىدىكەن. قالغان تەخمىنەن 67 مىليون دوللارلىق مەبلەغ تېررورچىلارنىڭ سەھىيە ۋە قاتناش چىقىملىرى ئۈچۈن ئاجرىتىلىدىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋاشىنگتون تېررورلۇق تەشكىلاتىغا پەقەت قورال - ياراغ جەھەتتىنلا ياردەم قىلمايدىكەن، تېررورچىلارنىڭ سانىنىمۇ ئاشۇرماقتا ئىكەن. 25 مىڭغا يەتكەن تېررورچىلارنىڭ سانى يىل ئاخىرغىچە 30 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2019 – يىللىق خامچوت لايىھەسىدە، دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تەربىيەلەش - قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د غا 300 مىليون دوللار، دائېشقا قارشى چېگرا بىخەتەرلىك ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن 250 مىليون دوللار بولۇپ، جەمئىي 500 مىليون دوللار ئاجراتقان.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئىلگىرى 30 مىڭ كىشىدىن تەشكىل تاپىدىغان «چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش كۈچى» دەپ ئېلان قىلغان، بىراق كېيىنچە «ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش كۈچى» دەپ ئاتىغان  «تېررورچىلار قوشۇنى» تەشكىل قىلىشىمۇ دىققەت قوزغىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر