دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاق ئالماسى بازارغا سېلىندى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا بازارغا سېلىنغان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ سىلىق ئاق ئالماسىنى 33 مىليون دوللارغا سېتىۋالىدىغان خېرىدار چىقىشى كۈتۈلمەكتە.

دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاق ئالماسى بازارغا سېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوتېبايس باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئۆيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 102،34 كاراتلىق يۇمىلاق ئاق ئالماسنى 33 مىليون دوللارغا سېتىۋالىدىغان خېرىدار چىقىدۇ، دەپ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئۆيى خادىملىرىدىن پاتتى ۋوڭ، لوندوندىكى شۆبىسىدە خېرىدارلارغا كۆرسىتىلگەن ئالماسنى «100 كاراتلىق كەم – كۆتىسىزلىك ئابىدىسى» دەپ تەرىپلىدى.

چوڭلۇقى ۋە شەكلى بىلەن كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان ئاق ئالماس ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان دېڭىز قىرغىقىدىكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بوتسۋانادىكى بىر كاندىن چىقىرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر