دۇنيا بانكىسى: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۇقىم ھالەتتە داۋاملىشىدۇ

دۇنيا بانكىسى تۈركىيەنىڭ 2017 – يىللىق تەرەققىيات تەخمىنىنى % 6.7 يۈكسەلدۈردى، 2018 – يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنىڭ بولسا % 3.5 بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

885231
دۇنيا بانكىسى: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۇقىم ھالەتتە داۋاملىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسىنىڭ «يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا نەزەر» ناملىق دوكلاتىنىڭ 2018 – يىللىق يانۋار سانى ئېلان قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ  ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۆلچەردىكىدىنمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىدا پۇل – مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يۈكسەك سەۋىيەدە داۋالىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ 2017 – يىلى % 3 بولغانلىقى، 2018 – يىلى % 3.1، 2019 – يىلى % 3 بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر