OPEC ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) دائىمىي ۋەكىلى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى چەكلەش قارارىنى ھەممە دۆلەتنىڭ ئوخشاش ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

870770
OPEC ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىمىي ۋەكىلى جەۋات يارجانى ئامېرىكادا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا كۈچى بار تەرەپنىڭ خۇسۇسىي شىركەتلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەھۋالنى پەقەت قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يارجانى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ۋە بەزى دۆلەتلەر يولغا قويۇۋاتقان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى چەكلەش قارارىنىڭ، ھەممە دۆلەتتە ئوخشاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ: ئامېرىكادا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش، OPEC ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەر كۆزەتكىنىدەك، دۆلەتنىڭ قولىدا ئەمەس. نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە كونترول قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قارارلار خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ سىياسەتلىرى رامكىسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا دۆلىتى بۇ شىركەتلەرنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جەھەتتە ھەر قانداق قارارنى چىقىرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «قىسقىسى، ئامېرىكا نېفىت شىركەتلىرى خۇسۇسىي شىركەتلەردۇر. بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق تۈزەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، بۇ شىركەتلەرنىڭ OPEC ئەزالىرى قىلغىنىدەك، بىر يەرگە جەم بولۇپ باھا ۋە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر