تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا خىتاينى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا دۇنيا بىرىنچىسى بولدى.

تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا خىتاينى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىقتىسادى 2017 – يىلىنىڭ 3 – چارىكىدە، قوش رەقەملىك تەرەققىي قىلىش نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى «OECD»غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى.

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا 4 ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى ئۆرلەشنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئىچىدە، ئىقتىسادى تەرققىياتلىرى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان خىتاي ۋە ھىندىستاننىمۇ ئارقىدا قالدۇرۇپ قويدى. 

تۈركىيە ئىستاتىستېكا ئىدارىسى، ياۋروپا ئىستاتىستېكا ئىدارىسى ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى «OECD»نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە تەخمىنەن %5.2 لىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، يىلنىڭ 3 - چارىكىدە (يەنى ئىيۇل ئېيىدىن سىنتەبىر ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە) بۇ نىسبەتنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇپ، %11.1 كە يەتكۈزدى.

تۈركىيە بۇ زورىيىش نىسبىتى بىلەن يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى، گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى «OECD»غا ئەزا دۆلەتلەر ئارسىدا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

ياۋروپا ئەللىرى يىلنىڭ ئىككىنچى جارىكىدە %2.1 ۋە 3 - چارىكىدە %2.5 پىرسەت تەرەققىي قىلدى.

تۈركىيە بۇ نىسبەت بىلەن ياۋروپا ئەللرىگە سېلىشتۇرغاندا 4 ھەسسىدىن كۆپرەك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا 2017 – يىلىنىڭ 3 – چارىكىدە ئەڭ يۇقىرى تەرەققىي قىلغان دۆلەت رومىنىيە بولدى. رومىنىيە بۇ مەزگىلدە %8.8 لىك تەرەقىياتنى قولغا كەلتۈردى.

رومىنىيەدىن قالسىلا، %7.2 بىلەن مالتا 2-  ۋە 5.8 بىلەن لاتۋىيە 3 – بولدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىقتىسادىي كۈچلىرىدىن بىرسى بولغان گوللاندىيە بۇ مەزگىلدە %3 ، گېرمانىيە، %2.23، ئەنگلىيە %2.1 ۋە فىرانسىيە %2 تەرەققىي قىلغان بولدى.

گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرىدىن بىرسى بولغان خىتاي %6.8 ۋە ھىندىستان %6.1  تەرەققىي قىلىش بىلەن 2 – ۋە 3 – بولدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر