كۆمۈر سانائىتىدە يېڭى دەۋر

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «كۆمۈر سانائىتىدە يېڭى دەۋر» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

كۆمۈر سانائىتىدە يېڭى دەۋر

كۆمۈر سانائىتىدە يېڭى دەۋر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۇنيادا تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ باشلامچىلىقىدا سۈرئەت بىلەن ئۆزگىرىۋاتقان ۋە ئايلىنىۋاتقان ئېنېرگىيە ساھەسىدە ناھايىتى كۈچلۈك رىقابەت مەۋجۇت. تۈركىيە ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەيلى كۆمۈر مەيلى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بىلەن بولسۇن، مەيلى تەبىئىي گازدا سودا مەركىزىگە ئايلىنىش نىشانى بىلەن بولسۇن، بۇ رىقابەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاكتىيورلىرىنىڭ بىرى بولۇشقا نامزات بىر دۆلەت.

بۇ دائىرىدە، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ يىل ئىككىنچى قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك كۆمۈر خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنىدا ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە كۆمۈر ساھەسىدىكى سىياسەت ۋە ئىجرائاتلارنىڭ يۆنىلىشىنىڭ قانداق ئۆزگىرىش ۋە ئايلىنىشلارنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىغا دائىر مۇھىم تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كۆمۈر ساھەسىدە ئىلمىي ئىستراتېگىيەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى ۋە يېڭى بىر سىستېما بىلەن بىرلىكتە يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويۇلىدىغانلىقى، مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىستراتېگىيە، پەقەت ئىشلەپچىقىرىش ياكى مەۋجۇت كۆمۈر زاپىسىنىڭ چىقىرىلىشى باسقۇچىدىلا ئەمەس، باشتىن ئاخىرغىچە يەنى كۆمۈرنى يەر ئاستىدىن چىقىرىپ ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلەتكۈچە بولغان جەريانغا ئالاقىدار يىپيېڭى بىر يول خەرىتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەتتا، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى كۆمۈر كانچىلىقىدا ئەقىللىك كۆمۈر دەۋرىگە قەدەم قويۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

بۇ نۇقتىدا ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈلگەن مېخانىكىلىق سىستېما ئارقىلىق كانچىلىقتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلغا خاتىمە بېرىلىپ يېڭى بىر دەۋر باشلىنىدۇ. بۇ سىستېما سايىسىدا، ھەم 90 ئىشچى ئىشلەپچىقىرىدىغان مەھسۇلاتنى 27 ئىشچى ئىشلەپچىقىرالايدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ، ھەم كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىدا %70 ئەتراپىدا ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. يەنە كېلىپ، بۇ سىستېمىنىڭ كانلاردا كۆرۈلىدىغان قازالارنىڭ  ئالدىنى ئېلىپ، خىزمەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار بارلىق خەۋپلەرنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشى كۈتۈلمەكتە.

تېخنولوگىيە جەھەتتە دەۋرىيلىشىش رولىنى ئەڭ كۈچلۈك جارى قىلدۇرىدىغان ساھەلەرنىڭ بىرىنى قانۇنسىز كۆمۈر كانچىلىقىغا قارشى كۈرەش شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ جەھەتتە ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن مۇئەييەن مۇددەت بەلگىلەپ قانۇنسىز، ئىجازەتسىز كانلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ. بۇ ساھەلەردىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە ئىقتىسادىي جازا، بۇ كۈرەشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرى ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيا كۆمۈر تېخنولوگىيەسىدىكى يېڭىلىقلار

دۇنيا مىقياسىدا ئېنېرگىيەنىڭ ئۇل تاشلىرىنىڭ بىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان كۆمۈر، گەرچە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئىستېمالدا تۆۋەنلەش كۆرۈلىدىغانلىقىغا دائىر مۆلچەرلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھېلىھەم ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان مەنبەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ كۆمۈر زاپىسىغا ئىگە بولغان ئامېرىكا، ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر قسىمىنى كۆمۈر ئارقىلىق ھاسىل قىلماقتا، دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولغان خىتاي، دۇنيا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %46 ىنى ئىگىلىمەكتە ۋە ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى كۆمۈر ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرماقتا. دېمەك، ھېلىھەم دۇنيانىڭ سالماقلىق بىر قىسمىنىڭ كۆمۈرگە قانچىلىك موھتاج ئىكەنلىكى ۋە ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قانچىلىكىنى كۆمۈردىن ھاسىل قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىدا تۇرۇۋاتقان ئىكەن، بۇ ساھەدىكى تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى تەقىب قىلماسلىقتەك بىر ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ خەلقئارالىق رىقابەت سەۋىيەسىگە يېتىشتە تېخنولوگىيەلىك دەۋرىيلىشىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايدۇ.

ئەلۋەتتە، بىر تەرەپتىن خەلقئارا جەمئىيەت كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە پاكىز ئېنېرگىيە دېگەندەك مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالغاندا، كۆمۈرگە قارىتا ئېغىر ئەيىبلەشلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىراق، يېقىنقى مەزگىللەردە بولۇپمۇ ياۋروپادا ئومۇملاشقان ئىلغار سۈزۈش تېخنولوگىيەسى پۈتكۈل ئەيىبلەشلەرنى بىر يانغا قايرىپ قويغۇدەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە ئىلغار سۈزۈش تېخنولوگىيەلىرى ئورۇن ئالغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئىستانسىلىرىدا گۇڭگۇرت دىئوكسىدى قويۇپ بېرىش ئاساسەن دېگۈدەك %0 بولماقتا. كاربون تۆت ئوكسىدى سۈمۈرۈش تېخنولوگىيەسى سايىسىدا سۈزۈلگەن كۈللەر توپلىنىپ، ئاسفالت يول قۇرۇلۇشلىرى دېگەندەك جايلاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنمەكتە. سۈزۈش تېخنولوگىيەسى باسقان يېقىنقى يىللاردىكى مۇشۇنداق مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر، دۇنيانىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىسى بولۇپ كېلىۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پەرقلىق چارىلەرنى تېپىشى مۇمكىن.

خۇلاسىلىگەندە، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى  ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە پاكىز ئېنېرگىيە جەھەتتىكى سەزگۈرلۈكلەر نەزەردە تۇتۇلغان تېخنولوگىيەلەرنىڭ تۈركىيەدە ئومۇملاشتۇرۇلۇشى  يولىدا قىلىنىدىغان ھەر بىر خىزمەت ھەم كۆمۈر ئىستېمالىدا مۇھىت ئاسراش ئۈنۈمى يۇقىرى چارىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ ھەم بۇ ساھەدە تۈركىيەنى دۇنياۋى رىقابەت سەۋىيەسىگە يەتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر