تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ئاشماقتا

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ئاشماقتا» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز

859098
تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولغان تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى – تاناب قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ئاشماقتا» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولغان تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى – تاناب قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە. ئۆتكەن بىر قانچە كۈن ئىچىدە ياۋروپا قۇرۇلۇش – تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا 500 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىشنى قارار قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيەگە ئېرىشىش يوللىرىنى خىلمۇخىللاشتۇرۇش نىشانىغا ھەسسە قوشىدىغان ۋە كاربون گازى تارقىلىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئالدىنى ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈۋاتقان بۇ قۇرۇلۇش سايىسىدا، ھازار دېڭزىدىن چىقىرىلغان تەبىئىي گازنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، تاناب ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۇنيا بانكىسى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ۋە ئاسىيا ئۈستقۇرۇلمىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسى دېگەندەك مالىيە ئورگانلىرى جەمئىي 2 مىليارد دوللار قەرز بېرىشنى ماقۇللىغانىدى. كۈندىن كۈنگە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر خەلقئارا مالىيە ئورگانلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئۆكتەبىر ئېيىدا قۇرۇلۇش باشقۇرۇش تارماقلىرى بايانات بېرىپ، قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك پۈتكەنلىكىنى، بۇ سايىدا 2018 – يىلى سىناق تەرىقىسىدە تۇرۇبىغا گاز پومپىلاشقا باشلاشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. قۇرۇلۇشنىڭ مالىيە جەھەتتىكى ياردەملەر سايىسىدا پىلاندىكىدىن تېز پۈتىدىغانلىقى نامايان بولماقتا. جەمئىي 12 مىليارد دوللار، دەپ پىلانلانغان قۇرۇلۇش چىقىمىنىڭ ئۇتۇقلۇق داۋاملاشقان تەقدىردە 8 مىليارد دوللارغىچە تۆۋەنلىشى ۋە تەبىئىي گاز پومپىلاشنىڭمۇ پىلاندىكىدىن بۇرۇن ئىشقا ئېشىشى، بۇنىڭغا ئالاقىدار سىياسىي ئىرادىنىڭ كۈچى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

16 مىليارد كۇب مېتىر سىغىمچانلىققا ئىگە بولۇشى پىلانلانغان تاناب تەبىئىي گازىنىڭ 10 مىليارد كۇب مېتىرىغا يېقىنىنىڭ ياۋروپاغا، قالغان قىسمىنىڭ تۈركىيەگە ئېقىتىلىشى كۈتۈلمەكتە. قۇرۇلۇش نۆۋەتتىكى ئىجابىي يۆنىلىشىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، 2018 – يىلى ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ تۈركىيە تاناب تەبىئىي گازى بىلەن تونۇشقان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2020 – يىلى ياۋروپاغىمۇ تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىنىشقا باشلىنىدۇ. مەلۇمكى، قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى 2015 – يىلىنىڭ مارت ئېيىدا تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە پىرېزىدېنتلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا قارستا قويۇلغانىدى. تۈركىيە قىسمى ئارداھاندىن باشلىنىپ ئەدىرنە ئارقىلىق گىرېتسىيەگىچە سوزۇلىدىغان تۇرۇبا لىنىيەسى تۈركىيەنىڭ 20 شەھىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ.

ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ئىقتىسادىغا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشىدىغان تاناب سايىسىدا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭمۇ بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئېنېرگىيە سېتىۋېلىشتىكى مونوپوللۇق ئەندىشىسى ئازايغان بولىدۇ. تاناپنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدىغان جەنۇبىي گاز كارىدورى 40 مىليارد دوللار قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، 6 دۆلەتنى بېسىپ ئۆتىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3500 كىلومېتىر كېلىدۇ. تاناب بولسا، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 1850 كىلومېتىرغا يېقىنىنى تەشكىل قىلىدۇ. جەنۇبىي گاز كارىدورى بولسا، جەنۇبىي كاۋكازىيە تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە تىرانس – ئادرىئاتىك تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ تاناب بىلەن بىرلىشىشىدىن تەشكىل تاپىدۇ. مەزكۇر قۇرۇلۇشلار، ئەزەربەيجاننىڭ تەبىئىي گازىنىڭ ياۋروپاغىچە بىخەتەر يەتكۈزۈلۈشى بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ سېتىۋېلىش نۇقتىلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە كارىدورىنىڭ ئاساسلىق تۈگۈنى بولۇش سىياسىتىگە ھەسسە قوشىدۇ.

يەنە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈشى بىلەن بىرگە، تۈركىيەدىكى تەبىئىي گاز چىقىملىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇنىڭدا ئەزەربەيجان تەبىئىي گاز ساھەسى شاھدېڭىز-2 دىن چىقىرىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ چىقىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە بازارغا سېلىشتىمۇ تۆۋەن باھا سىياسىتىنىڭ رول ئوينىشى كۈتۈلمەكتە.

تۈركىيە تەبىئىي گاز ئىستېمالىدا ئاساسەن دېگۈدەك سىرتقا بېقىندىغان بىر دۆلەت بولۇپ، گازنى ئاساسلىقى رۇسىيە، ئىران، ئەزەربەيجان، نىگېرىيە ۋە ئالجىرىيەدىن سېتىۋالىدۇ. رۇسىيە بىلەن ئىراندىن سېتىۋېلىنغان تەبىئىي گاز نىسبەتەن قىممەت، دەپ قارالماقتا ۋە ئەزەربەيجاندىن ئېلىنىدىغان ئەرزان ئېنېرگىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سودىلىشىش كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. تاناپنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ 1 مىليارد بىلەن 3 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىقتىسادنىڭ تېجىلىپ قالىدىغانلىقى، ئومۇمەن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تۈركىيەگە بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك يوللار بىلەن قوشىدىغان ھەسسىسىنىڭ 50 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

تاناب تۈركىيەنىڭ ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئارىسىدا ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلىنىش نىشانىغا مۇھىم كۈچ قوشىدۇ. تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مەنبەلىرىگە ۋە بۇلارنىڭ خېرىدارى ئورنىدىكى ياۋروپا جۇغراپىيەسىگە يېقىن بولۇشى، تۈركىيەگە مۇھىم پۇرسەتلەرنى بېغىشلايدۇ. بىراق، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە يۆتكەش لىنىيەلىرىنىڭ كۆپ بولۇش ۋە ئۈستقۇرۇلما كۈچى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تاناب مۇساپىسىدە تۈركىيە 25 مىليارد كۇب مېتىر ئەتراپىدا تەبىئىي گاز يۆتكەش كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ، بۇنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا ھەم ئىچكى ئىستېمال ھەم ئېكسپورت ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشى ناھايىتى قىيىن. شۇڭا، ئۈستقۇرۇلما بەرپا قىلىشتا تاناب يارىتىپ بېرىدىغان ئىمكانىيەتلەر، يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەلىرىنىڭ ئىلغارلاشتۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم.

ئەزەربەيجان سايىسىدا ئەھمىيىتى ئاشقان شەرق – غەرب گاز يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ كېيىنكى يىللاردا تۈركمەنىستان، قازاقىستان، ئىراق، ئىران ۋە باشقا شەرقىي ئاقدېڭىز ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭمۇ غەربكە يۆتكىلىشىدە رول ئوينىشى كۈتۈلمەكتە. بۇ بولسا، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئۇتۇقلىرىنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر