دۇنيانىڭ 2017 – يىللىق ئېنېرگىيە ئەھۋالى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «دۇنيانىڭ 2017 – يىللىق ئېنېرگىيە ئەھۋالى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

دۇنيانىڭ 2017 – يىللىق ئېنېرگىيە ئەھۋالى

دۇنيانىڭ 2017 – يىللىق ئېنېرگىيە ئەھۋالى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېقىندا خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى، دۇنيانىڭ 2017 – يىللىق ئېنېرگىيە ئەھۋالىغا دائىر دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە ئەھۋالىغا تۆت ئۆلچەم بويىچە باھا بېرىلگەن دوكلاتتا؛ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تېخنولوگىيەلىرىنىڭ چىقىمىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى؛ ئېلېكتىرنىڭ ئومۇمىي ئېنېرگىيە ئىستېمالىدىكى نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى؛ خىتايدا پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئومۇملىشىشقا باشلىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ سىلانېتس مېيى ۋە تەبىئىي گازى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئېنېرگىيە مۇۋازىنىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاكتىيورلىرىدىن بىرىگە ئايلانغانلىقى قاتارلىقلار ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى.

نۆۋەتتىكى 7 مىليارد 400 مىليونلۇق دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئالدىمىزدىكى 20 يىلدا 9 مىلياردقا يېقىنلىشىدىغانلىقىغا دائىر مۆلچەرلەرگە ئورۇن بېرىلگەن دوكلاتتا، ئېشىپ بېرىۋاتقان نوپۇسنىڭ ئېنېرگىيە تەلىپىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. كۈچەيگەن تەلەپنى قامداش ئۈچۈن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تېخنولوگىيەلىرى، تەبىئىي گاز ۋە ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ كۈنسېرى ئاشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا سۈرئەت بىلەن كېڭەيگەن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى نۆۋەتتە دۇنيا ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ %20 ىگە يېقىنىنى تەشكىل قىلماقتا. دوكلاتتا، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى سايىسىدا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ ئومۇمىي ئېنېرگىيە سىغىمىدىكى پېيىنى ئاشۇرىدىغانلىقىغا، ئالدىمىزدىكى 20 يىل ئىچىدە بۇ نىسبەتنىڭ %40 گە يېقىنلىشىدىغانلىقىغا دائىر مۆلچەرلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۇنداق بولغاندا، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە چىقىمنىڭ ئازىيىشى بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا ئېنېرگىيە ئىستېمالىدىكى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە پېيىنىڭ گەۋدىلىك ھالدا ئېشىشى كۈتۈلمەكتە. بۇ دائىرىدە، دوكلاتتىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلگىنىدەك، 2030 – يىلىغا بارغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى بولۇش ئېھتىمالى، ھەم رايون ھەم دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ.

دوكلاتتا ئورۇن بېرىلگەن يەنە بىر مەسىلە، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئامېرىكىنىڭ سىلانېتس مېيى ۋە سىلانېتس گازى ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ 2020 – يىلى بىر ئېنېرگىيە ئېكسپورتچىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىدۇر. دوكلاتتا يەنە، نېفىت باھاسىنىڭمۇ 2020 – يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە 83 دوللارغىچە ئۆرلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، نېفىت يەنە ئۇزۇنغىچە دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىدىكى ئەھمىيىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىستېمالى بارغانچە ئومۇملىشىۋاتقان توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ نېفىتكە بولغان تەلەپكە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا دائىر مەسىلىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن دوكلاتتا؛ نۆۋەتتە دۇنيادىكى قاتناش سېپىگە قېتىلغان توكلۇق ئاپتوموبىل سانىنىڭ 2 مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، 2025 – يىلىغا بارغاندا، بۇ ساننىڭ 50 مىليونغا، 2040 – يىلىغا بارغاندا بولسا، 300 مىليونغا يېتىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. توكلۇق ئاپتوموبىل سانىدىكى بۇ خىل ئېشىشنىڭ دۇنيانىڭ نېفىتكە بولغان تەلىپىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ %2 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۆلچەرلەر بولسا، توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ئالدىمىزدىكى 20 يىلدا نېفىت بازارلىرىدا ئۇنچىۋالا زور تەسىر پەيدا قىلمايدىغانلىقىنىڭ ناماياندىسىدۇر.

ئۇنداقتا، خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان بۇ دوكلات، تۈركىيەنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ دوكلاتتا ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلغان قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە، تۈركىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى 20 يىللىق ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇل تاشلىرىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى جەھەتتە ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈركىيە، بۇ پۇرسەتنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشى لازىم.

مىللىي ئېنېرگىيە ۋە مەدەن سىياسىتى دائىرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبە ساھەلىرى ئىستراتېگىيەسىنى بۇ ساھەدە تاشلانغان ئەڭ مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. تۈركىيەدە يەرلىك تېخنولوگىيە بىلەن يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبە ساھەلىرى ئىستراتېگىيەسى ھەم ساھەنىڭ گۈللىنىشىگە، ھەم تۈركىيەنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدە دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىشىگە باشلامچىلىق قىلىدۇ.

نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش مەنبەسىنىڭ كۆمۈر ۋە خام نېفىتتىن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇڭا، دۇنيادا ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ۋە كېلەچەككە ئالاقىدار مۆلچەرلەرنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى ناھايىتى روشەن بولۇپ، تۈركىيەنىڭ بۇ يۈزلىنىشنىڭ سىرتىدا قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.

تۈركىيە قولىدىكى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىمكانىيىتىدىن ئەڭ پائال ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلانغان تەقدىردە، دۇنيا ئېنېرگىيە سەۋىيەسىگە يېتىدىغانلىقى، ھەتتا بۇ ساھەدە ئالدىنقى قاتاردىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى ئارقىدا قالدۇرىدىغانلىقىغا قىل سىغمايدۇ. بۇ دائىرىدە، تۈركىيەدە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان بارلىق ياردەمچى سىياسەتلەر ۋە سېلىنىدىغان سېلىنمىلار، تۈركىيەنى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرى ئارىسىدا بىر بالداق يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ ۋە ئېنېرگىيە بازارلىرىدا گېپى ئۆتىدىغان نۇقتىغا يەتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر