تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لايىھەسى

يەرلىك ئاپتوموبىل چەت ئەللەردىمۇ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لايىھەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىل لايىھەسىدە ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر مۇئەييەنلەشكەندىن كېيىن، خىزمەتلەرنىڭ سۈرئىتى تېزلەشتۈرۈلدى. تۈركىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان ۋىلايەتلىرى «يەرلىك ئاپتوموبىلنى بىزنىڭ ۋىلايەتتە ئىشەپچىقىرىڭلار!» دەپ چاقىرىق ئېلان قىلماقتا. سانائەت ۋە پەن -تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرى فارۇق ئۆزلۈ يەرلىك ئاپتوموبىل ھەققىدە توختىلىپ، يەرلىك ئاپتوموبىلنىڭ پەقەتلا تۈركىيەنىڭ لايىھەسى ئەمەس، بەلكى بىر خەلقئارالىق لايىھە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. «بىزمۇ بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارالىق نۇرغۇن شسىركەتلەرگە ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىنى قۇرۇشنى ئويلاشماقتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر