خىتايدا يېڭى دەۋر ۋە تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «خىتايدا يېڭى دەۋر ۋە تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

خىتايدا يېڭى دەۋر ۋە تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

خىتايدا يېڭى دەۋر ۋە تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېقىنقى قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم باسقانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن. خىتاي قەدەم باسقان بۇ يېڭى دەۋر ۋە تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «خىتايدا يېڭى دەۋر ۋە تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. 

* * * * *

1 مىليارد 400 مىليون ئەتراپىدىكى نوپۇسقا ئىگە خىتاي، دۇنيانىڭ ئەڭ نوپۇسى كۆپ دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى 98 مىليون ئەزاسى بار دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي پارتىيەسى – خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشقۇرىدۇ (1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ چوڭ دۆلەت بىر پارتىيەلىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدۇ، ھەر تۈرلۈك ئۆكتىچىلىك پارتىيە ئىچى بىلەن چەكلىنىدۇ). خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئەنئەنىۋى يوسۇندا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزىدۇ؛ بۇ دائىرىدە پارتىيە 2017 – يىلى 18 – ئۆكتەبىردىن 24 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان جەرياندا 19 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ 2300 ۋەكىلنىڭ ئاۋازى بىلەن 25 كىشىلىك كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدا ئىچكى رەقىبلىرىنىڭ سانىنى ئازايتتى، قوللىغۇچىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتتى؛ شى جىنپىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ نىزامنامىسى (ۋە ئاساسىي قانۇن) گە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى تۈزۈمنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋ زېدوڭنىڭ يېنىغا يازدۇردى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2013 – يىلى قازاقىستاندىكى بىر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىمۇ يازدۇرۇپ، ئۇنى خىتاينىڭ رەسمىي سىياسىتىگە ئايلاندۇردى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسمى ۋە پىلان – لايىھەلىرىنى پارتىيە ئاساسىي قانۇنىغا يازدۇرۇپ، ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىدى. بۇنىڭ بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ ھايات چېغىدىلا خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن بولدى.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر 1971 – يىلى ئورنىتىلدى. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ھەر ئىككى ئىشىكىنى دۆلەت سىرتقا ئېچىۋېتىشكە باشلىغان، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە يۈكسەلگەن 1980 – يىللاردىن ئېتىبارەن ھەرىكەتلەندى. 2010 – يىلى «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن مۇناسىۋەتلەر، يېقىنقى مەزگىللەردە ئۆزئارا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر زىيارەتلىرىنىڭ سايىسىدا سۈرئەت بىلەن راۋاجلانماقتا.

يېقىنقى يىللاردا  ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بېرىش – كېلىشلەر قويۇقلاشتى. خىتاي ۋە تۈركىيە دۆلەت ئەربابلىرى بىر – بىرلىرىنى ناھايىتى قويۇق يوقلىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2017 – يىلى مايدا خىتايدا چاقىرىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول باشلىقلار يىغىنى» غا ئىشتىراك قىلدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بولسا، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ باشلىرىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشتىن بۇرۇن خىتايدا زىيارەتتە بولدى.

تۈركىيە نۆۋەتتە تاشقى سىياسەتتە تەڭداش يوللارنى كۆپەيتىشنى خالايدۇ. بۇ نۇقتىدا، تۈركىيە رەھبەرلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ناھايىتى مۇھىم، دەپ قارىماقتا. خىتاي ئەمەلدارلارمۇ تۈركىيەنى ئوتتۇرا شەرقتە بىر كۈچ مەركىزى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى دائىرىسىدە ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بىر دۆلەت، دەپ قارىماقتا. تۈرك ئەمەلدارلار، تۈركىيەنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور» قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇكەممەل رەۋىشتە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. چۈنكى، ھەر ئىككى دۆلەت قەدىمكى يىپەك يولىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشنى كۆزلىمەكتە. تۈركىيە خىتاينىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىش يولى ئۈستىگە جايلاشقان بىر دۆلەت. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ياۋروپا بازارلىرىنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان دۇنياۋى قاتناش تورىنىڭ بىر تۈگۈنىگە ئايلىنىشى، ئۇنىڭغا زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

خىتاي، تۈركىيەگە نىسبەتەن گېرمانىيەدىن قالسىلا ئىككىنچى، يىراق شەرقتە بولسا، ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي، 2016 – يىلى تۈركىيە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە 19 – رەتتىن، تۈركىيە مەھسۇلات ئىمپورت قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدا 1- رەتتىن ئورۇن ئالدى. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىمپورت – ئېكسپورت مۇۋازىنەتسىزلىكى بارلىقى روشەن كۆزگە چېلىقىدۇ. 2016 – يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى 2 مىليارد 320 مىليون دوللار؛ خىتايدىن قىلغان ئېكسپورتى بولسا، 25 مىليارد 440 مىليون دوللار بولدى. بۇ ئىككى تەرەپ سودىسىدا تۈركىيەنىڭ زىيىنىغا 23 مىليارد دوللار پەرق بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. يېقىن كەلگۈسىدە، بۇ ھالەتنىڭ تۈزىتىلىشى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى بالداقلارغا كۆتۈرۈشى مۇمكىن.

ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە خىتاينىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشەنگەن ھالدا، كۈچلۈك تاشقى سىياسەت يولغا قويۇشى ھەيران قالارلىق ئىش بولمايدۇ. چۈنكى، شى جىنپىڭ 18 – ئۆكتەبىردە قىلغان ئۇزۇن نۇتقىدا، خىتاينىڭ «چوڭ كۈچ» كىملىكىنى قانچە قېتىم تىلغا ئالدى. ئۇ، خىتاينىڭ تۆۋەن كۆرۈلىدىغان كۈنلىرىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ مەدەنىيەتلىك دۇنياۋى كۈچ سۈپىتىدە قايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇش پەيتىنىڭ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. خىتاي، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 – قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان قارارلارنىڭ تۈرتكىسىدە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەشكە تەييارلانماقتا. يېڭى باسقۇچتا باياشاتلىقى ئاشقان، دۇنياغا تېخىمۇ بەك ئېچىۋېتىلگەن، كۈچلۈك ۋە باي دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىدىغان، ھەتتا كۆپىنچىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدىغان، رايون ۋە خەلقئارادىكى  رولى ۋە پائاللىقى ئاشقان بىر خىتاينى كۆرىشىمىز مۇمكىن.

غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەر خىل مەسىلىلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تۈركىيە بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرمەكتە. بۇ دائىرىدە، خىتاينىڭ دۇنيا سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشى تۈركىيە – خىتاي ھەمكارلىق لايىھەلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ۋاسىتە بولۇشى مۇمكىن.

غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تۈركىيەگە نىسبەتەن، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش جەلپكار بىر تەڭداش يول. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان كۆپ قۇتۇپلۇق دەۋر بىلەن ماسلىشىشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ تۈركىيەنىڭ دۇنيا سىياسەت سەھنىسىدىكى تاللاش يوللىرىنى كۆپەيتىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى، خىتايدا ياشايدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىدۇر. خىتاي، تۈركىيە بىلەن گۈللەنگەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈستىدىكى بېسىمنى يەڭگىللىتىشى لازىم. خىتاي بۇنى ئىشقا ئاشۇرسا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلىشى ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر