زامانىۋى يىپەك يولى ۋە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

تۆۋەندە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «زامانىۋى يىپەك يولى ۋە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

زامانىۋى يىپەك يولى ۋە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

زامانىۋى يىپەك يولى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: خىتايدىن باشلىنىپ ئانادولۇ ۋە ئاق دېڭىزنى بېسىپ ئۆتۈپ ياۋروپاغىچە سوزۇلىدىغان بىر سودا يولىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يىپەك يولى، ئەسىرلەر بويىچە شەرق – غەرب سودا ماللىرىنىڭ ئۆزئارا يۆتكىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. نۆۋەتتە خىتاي، ئۇزاق ئۆتمۈشكە ئىگە بۇ يولنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش يولىدا قەدەم تاشلاپ، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ قاتناش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» يەنى زامانىۋى يىپەك يولى لايىھەسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن مۇھىم ئىشلارنى قىلماقتا.

تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە 65 دۆلەتكە سوزۇلىدىغان بۇ قۇرۇلۇش، دۇنيا نوپۇسىنىڭ %60 ىگە يېقىنىنى يەنى 4 مىليارد 400 مىليون نوپۇسنى دائىرىسى ئىچىگە ئالماقتا. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %40 ىگە يېقىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يېڭى ئېكسپورت بازارلىرىنى يارىتىپ، مەھسۇلات كۆپ خىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، دۇنيا سودىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى تۆمۈر يولى، تاش يول، پورتلار، ئايرودۇرۇملار، تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرى ۋە باشقا ئۈستقۇرۇلما قۇرۇلۇشلىرىنى روياپقا چىقىرىپ، قىتئەلەر ئارا ماسلىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. دۇنيا سودا يوللىرىنى خىلمۇخىللاشتۇرىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بىر تەرەپتىن قاتناش مۇساپىسىنى قىسقارتىشى، يەنە بىر تەرەپتىن چىقىمنى ئازايتىشى كۈتۈلمەكتە.

ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناۋاتقان ۋە ئوتتۇرا شەرققە قوشنا كېلىدىغان تۈركىيە، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى بىلەن شەرق – غەرب يۆنىلىشلىك بۇ سودا تورىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دائىرىدە، قۇرۇلۇشنىڭ تاش يول ۋە تۆمۈر يوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ياۋروپاغا تۈركىيە ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

زامانىۋى يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا كارىدور قۇرۇلۇشى دائىرىسىدە ھازىرغىچە تۈركىيەدە مارماراي ۋە ياۋۇز سۇلتان سەلىم كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشلىرى يورۇق كۆردى. تېخى يېقىندىلا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى ئارقىلىقمۇ ئوتتۇرا كارىدور پىلانىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى تاماملانغان بولدى. 1 مىليون يولۇچى ۋە 6 يېرىم مىليون توننا يۈك يۆتكىلىدىغان باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يولۇچى يۆتكەش ئىقتىدارىنى 3 مىليونغا، يۈك توشۇش ئىقتىدارىنى بولسا، 17 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

قۇرۇلۇش دائىرىسىدە بارلىق تېز پويىز لىنىيەلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، خىتايدىن كېلىدىغان يۈكنىڭ باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى سايىسىدا ئوتتۇرا كارىدور ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرىگە يەتكۈزۈلۈش مۇددىتىنىڭ 12 – 15 كۈنگە قىسقىرايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ھازىرغىچە خىتايدىن باشلىنىپ ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يوللىرى رۇسىيەنى بېسىپ ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، باكۇ – تىفلىس – تۆمۈر يولىنىڭ پىلاننىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە مەشغۇلات باشلىشى بىلەن، 7500 كىلومېتىر مۇساپە قىسقىرايدۇ.

زامانىۋى يىپەك يولى، بىر تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بولسا، كېلەچەكتىكى ئىقتىسادىي نىشانلىرىغا يېتىشى نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدىغان بىر قۇرۇلۇشتۇر. تۈركىيەنىڭ شەرق – غەرب ئىككى يۆنىلىشلىك سودا تورىنىڭ ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئارىسىدىكى تۇتىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان بولۇشى، باي ئاسىيا سەرمايىسىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم پۇرسەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرمەكتە. بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۇنى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش يەنىلا تۈركىيەنىڭ مەزكۇر سودا شېرىكلىرى بىلەن ئورنىتىدىغان ۋە راۋاجلاندۇرىدىغان مۇناسىۋەتلىرىگە باغلىق بولىدۇ.

تۈركىيەنى بۇ قۇرۇلۇش دائىرىسىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىدىغان يەنە بىر نۇقتا ئېنېرگىيەدۇر؛ تۈركىيە، مەۋجۇت نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان لايىھەلىرى بىلەنمۇ ئېنېرگىيە سودىسىدا مەركەز بولۇش يولىدا ئىشەنچكە تولغا قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدا ئورۇن ئالماقتا. مول ئېنېرگىيە زاپىسىغا ئىگە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، بۇ قۇرۇلۇش دائىرىسىدە ئېنېرگىيە ئۈستقۇرۇلمىسىنى ئىلغارلاشتۇرىدىغان قەدەملەرنى تاشلىيالىسا، مەزكۇر ئېنېرگىيە زاپىسىنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن، ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە تەلەپ بازارلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىيە ۋە ياۋروپاغا يۈزلىنىدۇ.

بۇ ئېنېرگىيەنىڭ ئۆتۈشۈش يولىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق نۇقتىسىغا جايلاشقان تۈركىيە بولسا، مەۋجۇت ئېنېرگىيە ئۈستقۇرۇلمىسى بىلەن بىر تەرىپىدىن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ. ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئارىسىدا ئورنىتىلىدىغان ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان تۈركىيە، بۇ جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى بولغان ئېنېرگىيە پاي چېكى بازىرىنى گۈللەندۈرەلىگەن تەقدىردە، ھەم رايون ھەم خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنى دۆلەت بازىرىغا جەلپ قىلىش يولىدا مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغان بولىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، تۈركىيە زامانىۋى يىپەك يولى ئاچىدىغان شەرق – غەرب قوش يۆنىلىشلىك ئۆتۈشمە سودا يولى ئۈستىگە جايلىشىشتەك ئەۋزەللىكىدىن ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلىنىپ، بىر تەرەپتىن ئېكسپورت بازارلىرىنى كېڭەيتىپ دۇنيا سودا تورىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن ئېنېرگىيە سودىسىدا مەركەز دۆلەت بولۇش يولىدىكى قەدەملىرىنى مۇستەھكەملىشى لازىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر