تاموژنا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى باشلىدى

گىرېتسىيەدە تاموژنا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى باشلىدى.

تاموژنا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تراكيا رايونلۇق تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گىرېتسىيەنىڭ كىپى ۋە كاستانىئېس تاموژنا ئېغىزلىرىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىش تالشلىغانلىقتىن، پازاركۇلە چېگرا ئېغىزىدا ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. گىرېتسىيەگە ئائىت يۈك ئاپتوموبىللىرى ئۆتىدىغاى بىردىنبىر چېگرا ئېغىزى ھېسابلىنىدىغان ئىپسالا چېگرا ئېغىزىدىن بولسا پەقەت بېلىق قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرىلا ئۆتەلەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئاپتوموبىل ۋە ئاپتۇبۇسلارنىڭ ئۆتۈشىگە تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئىجازەت بېرىلىدىكەن. تاموژنا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى ئەتە ئەتىگەن ئاخىرلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر