ترانس ئانادولۇ تەبىئىي  گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ناھايىتى مۇھىم

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي  بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ترانس ئانادولۇ تەبىئىي  گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ چاناققەلئە بوغۇزى دېڭىز ئاستىغا تۇرۇبا لىنىيەسى بەرپا قىلىش لايىھەسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

ترانس ئانادولۇ تەبىئىي  گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ناھايىتى مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبايراق  تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئۈچۈن خەلقئارالىق  ئېنېرگىيەنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان  ترانس ئانادولۇ تەبىئىي  گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ چاناققەلئە بوغۇزى دېڭىز ئاستىغا تۇرۇبا لىنىيەسى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: «بىزنىڭ ئارزۇيىمىز لايىھەنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاش» دېدى.

ئۇزۇنلۇقى 1850 كىلومېتىر كېلىدىغان ترانس ئانادولۇ تەبىئىي  گاز تۇرۇبا لىنىيەسى يىلىغا 16 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي  گاز توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدىن 6 مىليارد كۇب مېتىرلىق قىسمى تۈركىيەنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، قالغان 10 مىليارد كۇب مېتىرلىق قىسمى بولسا ترانس ئادرىياتىك تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ئارقىلىق ياۋروپانىڭ تەبىئىي  گاز ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

لايىھە ئارقىلىق كېلەر يىلى ئىيۇن ياكى ئىيۇلدا تۈركىيەگە دەسلەپكى قەدەمدە تەبىئىي  گاز توشۇش پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر