ئۆزبېكىستان – تۈركىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى

ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك مەبلەغ سېلىش كومىتېتى بىلەن ئىستانبۇل سودا ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تاشكەنتتە «ئۆزبېكىستان – تۈركىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنى چاقىرىلدى.

ئۆزبېكىستان – تۈركىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جەمشىد قوچقاروۋ رىياسەتچىلىكىدە باشلانغان يىغىندا، ئىستانبۇل سودا ئۇيۇشمىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم چاغلار بىلەن تۈركىيەنىڭ تاشكەنت باش ئەلچىسى ئەھمەد باشار شەن ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

تەرەپلەر يىغىندا، ئورتاق پىلان لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر