ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى خامچوت كىرىزىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن

ئىقتىسادشۇناسلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئورگانلىرىنىڭ خامچوت كىرىزىسى سەۋەبىدىن تاقىلىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ %22 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى خامچوت كىرىزىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋول سترېت ژۇرنىلى گېزىتى (WSJ) مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا 62 ئىقتىسادشۇناس بىلەن راي سىناش ئېلىپ بارغان. نەتىجىلەر، ئامېرىكا ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك مالىيە خەتەرلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن.

ئىقتىسادشۇناسلار كونگرە بىلەن ئاقساراي مۇرەسسە قىلالمىغان تەقدىردە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئورگانلىرىنىڭ تاقىلىپ كېتىش ئېھتىمالىنى %22 دەپ قارىغان.

فېدېراتسىيە مالىيە يىلى 1-ئۆكتەبىردە باشلىنىپ، كېيىنكى يىلى 30-سېنتەبىر ئاخىرلىشىدىغان ئامېرىكادا، 2018-يىللىق مالىيە خامچوتى 30-سېنتەبىرغىچە تەستىقلانمىسا، فېدېراتسىيە ئىدارە-ئورگانلىرى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، پۇل يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن تاقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

خامچوت كىرىزىسى بۈگۈنگىچە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئورگانلىرىنىڭ 12 قېتىم تاقىلىشىغا سەۋەب بولدى. 2013-يىلى يۈز بەرگەن خامچوت كىرىزىسى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تاقالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر