تۈركىيەنىڭ 11 – بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە پىروفېسسور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «11 – بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تۈركىيەنىڭ 11 – بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى

تۈركىيەنىڭ 11 – بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھازىرغىچە ئون تەرەققىيات پىلانى ئىجرا قىلىنغان تۈركىيە ئىقتىسادىدا، 2014 –2018 – يىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 – بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئاخىرلىشىش مەزگىلى يېقىنلاپ قالدى. نۆۋەتتىكى كۈنتەرتىپە، 2019 – 2023 – يىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان 11- بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى بار. 10 – بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى سايىسىدا ئىسلاھات سۈرئىتىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن تۈركىيە ئىقتىسادى، بۇ جەرياندا قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشنى تېز سۈرئەتتە ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بىراق، بۇ مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار ئىچكى – تاشقى مۇداخىلىلەر بۇ ئۆزگىرىش ۋە ئايلىنىش مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلماقچى بولدى. مەزكۇر مۇداخىلىلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ نىشانىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئەۋزەلىككە زىيان يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچتىكى ياخشىلىنىشنى توختىتىش، رايون ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئورناتقان ھەمكارلىقلىرىنى بۇزۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق.

15 – ئىيۇلدىكى مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگۈنلەنگەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى بولسا، بۇ مۇداخىلىلەرنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. 15 – ئىيۇلدىن كېيىن، ئىچكى – تاشقى بازارلار تۈركىيە ئىقتىسادىنى بېسىم ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇندى، ئارقىدىن بەزى كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگانلىرىنىڭ كۆرسەتكۈچ نومۇرىنى تۆۋەنلىتىشىگە ۋە يەنە بىر قاتار خەلقئارا ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرىدىكى سەلبىي باھالارغا دۇچ كەلدى.

مانا مۇشۇنداق سەلبىي ئامىللارغا قارىماي، بۇ مۇساپىدە تۈركىيەنىڭ ماكرو ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىدە ھېچقانداق چېكىنىش كۆرۈلمىدى. ئەكسىچە، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېشىش مۇقىملىقىنى ساقلاپ، تېخىمۇ پائال ھالەتنى شەكىللەندۈردى. بۇ دائىرىدە، ئالدىمىزدىكى بەش يىل ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان 11 – بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سىياسەت نىشانلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلەر، تۈركىيە ئىقتىسادى ئۈچۈن ئۇتۇقلۇق بىر كېلەچەك خەرىتىسى سىزىپ چىقىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

11 – بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرىنى تەييارلىق باسقۇچىدا بېكىتىلگەن ئالاھىدە ئىختىساس كومىتېتلىرى شەكىللەندۈرىدۇ. 43 ساھە بويىچە شەكىللەندۈرۈلىدىغان بۇ كومىتېتلار دۆلەت، خۇسۇسىيلار ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا تەتقىقاتچىلارنى بىر بايراق ئاستىغا توپلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، جەمئىيەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملىرى چىقىرىدىغان ئورتاق قارارلار ئارقىلىق 11 – بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئاساسىي رامكىسى سىزىپ چىقىلىدۇ.

ئىقتىسادىي ئېشىش دىنامىكلىرى، پۇل پاخاللىقىغا قارشى كۈرەش دېگەندەك ئىختىساسلىقلار كومىتېتلىرى، ماكرو ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ساھەلەرگە مەركەزلىشىدۇ. مالىيە خىزمەتلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشى، ئۇچۇر – ئالاقە تېخنولوگىيەلىرى، ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى سىياسەتلىرى، ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمى دېگەندەك مەسىلىلەرگە قارايدىغان كومىتېتلاربولسا، تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە دائىر مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق خىزمەت نىشانى قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىرىم تەقسىماتى ۋە يوقسۇللۇق، ئەمگەك كۈچى بازىرى ۋە ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەندەك كاتېگورىيەلەرمۇ بار. بۇ كومىتېتلارنىڭ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي باياشاتلىقنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مۇھىم قەدەملەرگە تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ كومىتېتلار بىلەن بىرلىكتە، ھەر بىر ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان 32 ماددىلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، مېتال سانائىتى، خىمىيە سانائىتى، ماشىنىسازلىق سانائىتى، ئاپتوموبىل ۋە ئېلېكتىر سانائىتى ساھەسىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى، تۈركىيەدە بۇ ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا پايدىلىق پىكىر ۋە سىياسەت تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىچىدىكى پېيىنىڭ يېقىنقى 15 يىلدىكى ئېشىشىنى ئالدىمىزدىكى بەش يىللىق مۇساپىدىمۇ داۋاملاشتۇرالىشى، تەرەققىيات پىلانى دائىرىسىدە بېكىتىلىدىغان نىشانلارغا باغلىقتۇر. بۇ دائىرىدە، سىجىل ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پىلان بويىچە سانائەت ساھەسىدە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.

يەنە بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئېنېرگىيە تېخنولوگىيەلىرىنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىش بويىچە ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا بىۋاسىتە ئېھتىياجلىق تېخنولوگىيەنى تەمىن ئېتىش خىزمەتلىرىگە مەزكەزلىشىدۇ. تۈركىيەدە قىزىل رەقەمنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورتى بولۇشى، يەرلىك ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان ئېھتىياجنى كۈنسېرى كۈچەيتمەكتە. دېمەك، بۇ پىلان دائىرىسىدە، ئېنېرگىيە تېخنولوگىيەلىرىنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا توغرا قارارلار چىقىرىلغان تەقدىردە، قىزىل رەقەمدە ياخشىلىنىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

شۇڭا، 2019 – 2023 – يىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان 11 – بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى مەخسۇس ئىختىساسلىقلار كومىتېتلىرى ۋە خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئىستراتېگىيەلەر، تۈركىيەنىڭ 2023 – يىللىق نىشانلىرىغا چىراغ تۇتىدۇ. تۈركىيە، مۇقىم ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىقتىسادىي ئېشىش، قىزىل رەقەملىرىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە تۇتۇش ۋە كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىغا كىرىش نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 11 – بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىغا ئەڭ ياخشى شەكىلدە تەييارلىنىشى كېرەك. تۈركىيە ئىقتىسادى سىياسىي قاتلام كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مۇقىملىق سايىسىدا، بىيۇروكراتىك توسالغۇلار ۋە چېگىش باشقۇرۇش تورلىرىدىن قۇتۇلىدىغان بۇ مۇساپىدە ئىجرا قىلىنىدىغان تەرەققىيات پىلانى، ئىجابىي ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك سىياسەتلەر ئورۇن ئالىدىغان يېڭى بىر دەۋرنىڭ يولىنى ئاچىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر