ھامبۇرگدا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە پىروفېسسور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «ھامبۇرگدا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

ھامبۇرگدا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى

ھامبۇرگدا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2015 – يىلى تۈركىيە نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى، بۇ يىل (2107) 7-، 8- ئىيۇل كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلدى. دۇنيانىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ۋە سانائەتلەشكەن ئىقتىسادىغا ئىگە 19 دۆلىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تەشكىل تاپقان 20 دۆلەت گۇرۇھى، دۇنيا نوپۇسىنىڭ %64 ىگە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %80 ىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تەشكىلاتتا، دۇنيانىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلىتى خىتاي، ئەزا ئەللەر ئىچىدە 1 مىليارد 380 مىليون نوپۇسى بىلەن بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالسا، ھىندىستان 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بىلەن ئىككىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ.

دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىقتىسادىي كۈچلىرى بىر يەرگە جەم بولغان 20 دۆلەت گۇرۇھىدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم جەھەتتە 57 مىڭ دوللار بىلەن ئامېرىكا بىرىنچى، 55 مىڭ دوللار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككىنچى، 48 مىڭ دوللار بىلەن ئاۋسترالىيە ئۈچىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالماقتا. خىتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورتچى تۆت دۆلىتى سۈپىتىدە 20 دۆلەت گۇرۇھىدىن ئورۇن ئالماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، دۇنيانىڭ ئېكسپورت ھەجىمى ئەڭ كەڭ 20 دۆلىتىنىڭ 15 ىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش لازىم.

20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئەللەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلغان ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى، دۇنيا مىقياسىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش، خەلقئارا سودا ۋە پۇل – مۇئامىلە بازارلىرى بەلگىلىمىلىرىگە مەركەزلەشتى. سىجىل، مۇۋازىنەتلىك ۋە سىغدۇرغۇچى ئېشىش نىشانىغا يېتىش يولىدىكى خىزمەتلەر كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، تەرەققىيات، ئەمگەك ئىمكانىيىتى، سەھىيە دېگەندەك مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

مالىيە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە خەلقئارا ھەمكارلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئالدىنقى پىلاندىكى نىشانىنى دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىنى قامدايدىغان شەكىلدە بېكىتىپ كەلمەكتە. مەزكۇر ئېھتىياجلارنىڭ دۇنيانىڭ ساقلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. مەسىلەن، كىلىمات ئۆزگىرىشى، كۆچمەنلىك، يوقسۇللۇق ۋە تېررورىزم دېگەندەك مەسىلىلەر، ھازىرقى كۈندە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا.

2015 – يىلى ب د ت  كىلىمات يىغىنىدا، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئالاقىدار ئىجرائىيە كۈچىگە ئىگە قارارلار چىقىرىلىپ، 175 دۆلەت تەرىپىدىن پارىژ كىلىمات كېلىشىمى ئىمزالانغانىدى. ترامپ ئامېرىكىسى بولسا، ئۆتكەن كۈنلەردە بايانات بېرىپ، ئۆزى تەرەپ بولغان بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە كۈچلۈك نارازىلىققا ئۇچرىغان بۇ قارارى، 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە كەلدى.

يانۋار ئېيىدا ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنتلىق ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغان ترامپنىڭ، ئوبامانىڭ ئەكسىچە كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە ئەستايىدىل قارىمايدىغانلىقى ناھايىتى روشەندۇر؛ ھەتتا ئۇ، بۇ مەسىلىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنى ئاجىزلىتىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى ئۆز مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتۇپ قوللىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بۇ قارارنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈشىگە دائىر تەلەپلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى، مۇساپىرلار كىرىزىسى بولدى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى سەۋەبلىك ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىككە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان تۈركىيە، 2015 – يىلى نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنىدى.

تۈركىيە، ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا ھەم ئىچكى ھەم تاشقى سىياسىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ كونكېرت شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنىشىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق، ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللەنگەن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ مۇساپىرلار كىرىزىسىغا ئالاقىدار پوزىتسىيەسىگە قارالغىنىدا، ئۇلارنىڭ ناھايىتى قوپال ۋە ئىجابىي بولمىغان پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ، يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلغان گېرمانىيە، بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن چارىدىن يىراق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ.

بۇ دائىرىدە، مەسىلىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بولۇشتىنمۇ بەكرەك ئىنسانىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن تۈركىيە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يىغىن جەريانىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى. ياۋروپالىق مۇساپىرلارنىڭ كېلەچىكى ۋە تۈركىيەدىكى مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا كېرەكلىك قەدەملەر بالدۇرراق تاشلىنىشى لازىم.

بۇ مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە، يېقىنقى كۈنلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرى بولغان قاتار كىرىزىسى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغىچە سوزۇلدى. پارس قولتۇقى سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىنىڭ مۇۋازىنىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكۈدەك دەرىجىدە داۋاملىشىۋاتقان بۇ كىرىزىس يۈزىسىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قاتار كىرىزىسى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ مەسىلىنىڭ ئاساسىي ئاكتىيورلىرىنىڭ بىرى بولغان پادىشاھ سەلماننىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلماسلىق قارارىغا، پارس قولتۇقىدىن يارىشىش يولىدا قەدەم تاشلانمايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ باھا بېرىشكە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر