چەت ئەلدىكى تۇنجى تۈرك سودا مەركىزىي تېھراندا ئېچىلدى

ئىقتساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى بىلەن تۈركىيەلىك ۋە ئىرانلىق سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تېھراندىكى تۈرك سودا مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چەت ئەلدىكى تۇنجى تۈرك سودا مەركىزىي تېھراندا ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى ئىران پايتەختى تېھراندا ئېچىلغان تۈرك سودا مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇ سۆزىدە، ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۆز ئارا رەقىپ ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلايدىغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «ئىران بىلەن تۈركىيە، پەقەت ئىران بىلەن تۈركىيەدىلا ئەمەس، بەلكى ئۈچىنچى دۆلەتلەردىكى، يەنى ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت جۇغراپىيەسى دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچىنچى دۆلەتلەردىكى چوڭ سودا بىرلىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن بىرلىكتە پايدىلىنىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئىككى دۆلەتتۇر» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ تۇنجى سودا مەركىزىنىڭ تېھرادا ئېچىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تېھراندا ئېچىلغان باشقا دۆلەتكە تەۋە تۇنجى سودا مەركىزىي ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مەزكۇر سودا مەركىزىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەڭ مۇھىم تۈرك سودا مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى:

«ئەمما، شۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ قويايكى، بۇ يەر پارچە سېتىش شىركىتى ئەمەس. بۇ يەر ۋاكالەتچىلىرى مال سېتىۋالىدىغان، توپ سېتىش، ئېكسپورت قىلىىدىغان، ھەتتا بۇ يەردىكى دوستلىرىمىز مال ئىمپورتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر سودا مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.»

ئۇ مەقسەتلىرىنىڭ ئىران بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «مەقسىتىمىز ھەممە نەرسە ئەركىن بولغان، بارلىق ئېلىم-سېتىم ئىشلىرى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان مۇساپىنى باشلاشتۇر. ئىنشائاللاھ بۇنىمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمىز» دېدى.

ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان تۈرك سودا مەركىزىدە 62 تۈركىيە شىركىتىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر