تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

759309
تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە ئىقتىسادى 2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە %5 ئېشىپ، مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى زورىيىشنى قولغا كەلتۈردى. ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن، ئىقتىسادتا كۈتۈلۈۋاتقان تۇنجى مۇسبەت تەسىر پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدىن كەلگەنىدى. نۆۋەتتە خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگانلىرىدىن Fitch، تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار مۆلچەرلىرىنى ئىجابىي يۆنىلىشتە ئۆزگەرتتى.

Fitch ئىيۇن ئېيىغا ئالاقىدار دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېشىش نىسبىتىگە يۇقىرى يۆنىلىشلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دوكلاتلىرىدا تۈركىيەنىڭ 2017 ۋە 2018 – يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشىغا دائىر مۆلچەرلىرىنى %2.3 دەك ناھايىتى تۆۋەن نۇقتىدا تۇتۇپ كەلگەن Fitch، بۇ قېتىمقى مۆلچەرىنى بىر ھەسسە يۇقىرى كۆتۈردى.

Fitch نىڭ تۈركىيەگە ئالاقىدار مۆلچەرلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىگە 2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن %5 لىك ئېشىش نىسبىتى سەۋەب بولدى، دېيىشكە بولىدۇ. دەسلەپتە تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2017 – يىلى %2.3 ئاشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان Fitch، ياخشى داۋاملىشىۋاتقان ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ تەخمىنىنى %4.7 گە چىقاردى. كېيىنكى چارەكتىكى مۇسبەت ئېشىش كۆرسەتكۈچلىرى Fitch نىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ نومۇر كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنىمۇ تەقەززا قىلماقتا.

2017 – يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىگە ئالاقىدار ئىقتىسادىي ئېشىش كۆرسەتكۈچلىرى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، دۇنيا بانكىسىمۇ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىغا ئالاقىدار مۆلچەرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنىدى. دۇنيا بانكىسى ۋە Fitch نىڭ مۆلچەرلىرىنى تۈركىيەگە پايدىلىق ئۆزگەرتىشلىرى ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە بۇ ئېشىشنىڭ سېجىل ھالەتكە كېلىدىغانلىقىنىڭ ناماياندىسىدۇر.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، 15 – ئىيۇلدىكى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، Fitch ۋە باشقا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگانلىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، تۈركىيەنىڭ كىرېدىت نومۇرلىرىنى تۆۋەنلەتكەنىدى. خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدا ئوبرازى خۇنۇكلەشتۈرۈش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلگەن تۈركىيە ئىقتىسادى بولسا، بەرداشلىق كۈچىنى ساقلاپ، كۈچلۈك دىنامىكلىرى بىلەن بۇ توسۇقلاردىن ھالقىپ ئۆتتى.

بۇ مۇساپىدە ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك پوزىتسىيەسى ۋە ئىقتىسادىي ساھەدە تاشلىغان قەدەملىرى مۇھىم رول ئوينىدى. سىياسەت ۋە ئىقتىسادتا بېسىلغان قەدەملەر ۋە پىلانلىنىۋاتقان ئىسلاھاتلار، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى باھالىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى Fitch  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئاخىرقى قېتىملىق قاراردا كۆرۈلگەن بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيەنىڭ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا ئەللەر ئارىسىدا قازانغان ئۇتۇقلىرىنىمۇ بۇ جەرياندا جەزمەن نەزەرگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئەللەر ئارىسىدا خىتاي بىلەن ھىندىستاندىن كېيىنلا ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن تۈركىيە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا ئەللەر ئىچىدىكى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان ئىككىنچى دۆلەت بولدى.

مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىقتسىادىي كۈچلىرى ئارىسىدا يۇقىرى نىسبەتتە ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان ۋە بۇ دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىش دەرىجىسىگە يېتىشكە ئۇرۇنغان تۈركىيەنىڭ، بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. بۇ دائىرىدە 2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىكى ئىقتىسادىي ئېىشىش، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىغا قارشى شەكىللەندۈرۈلۈشكە تىرىشىلغان پۈتكۈل سەلبىي تونۇشلارغا جاۋاب بولۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

تۈركىيە 16 – ئاپرېل ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، سىياسىي مۇقىمسىزلىقلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، مۇقىملىقنىڭ ئۇل تېشى قويۇلغان بىر مۇساپىگە قەدەم باستى. نۆۋەتتە ھەم ئىقتىساد ھەم سىياسەتتە تاشلانغان قەدەملەر، يولغا قويۇلغان تەدبىر ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ سايىسىدا، دۆلەت مىقياسىدا ئىشەنچ مۇھىتى يارىتىلدى. بۇ دائىرىدە ئىجرا قىلىنىدىغان يېڭى سىستېما سىياسەت ۋە ئىقتىسادتا مۇقىملىقنى نىشان قىلىدىغان، بىيورۇكراتىك توسقۇنلۇقلار ۋە كۆپ باشلىقلىق ۋەزىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بىر يول خەرىتىسى سۇنىدۇ.

2019 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا ھەرقانداق بىر سايلامنىڭ ئۆتكۈزۈلمەيدىغان بولۇشى، ئىقتىسادتا مۇئەييەن مۇۋازىنەت ئامىللىرىنىڭ تېخىمۇ ساغلام شەكىلدە ئىزىغا چۈشۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، ئىشەنچ ۋە مۇقىملىق ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن بۇ مۇساپىدە، يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغلىرىنى ئەركىن – ئازادە سالالايدۇ. ئىچكى ۋە تاشقى تەلەپنىڭ ئېشىشى بىۋاسىتە ھالدا ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئىجابىي ھەسسە قوشىدۇ.

تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ دەسلەپكى چارەكتىكى ئېشىشىغا دەسلەپكى كۆرسەتكۈچ، دەپ باھا بېرىشكە بولىدۇ. نۆۋەتتە سېجىل ۋە سىغدۇرغۇچى ئېشىش نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدىكى رىقابەت سەۋىيەسىگە يېتىشكە ناھايىتى يېقىن بىر تۈركىيە بار. دۇنيا ئىقتىسادىي ئورگانلىرىنىڭ مۆلچەرلىرىنى ئىجابىي يۆنىلىشكە ئۆزگەرتكۈزگەن ۋە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىقتىسادلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردىكى ئورنىنى ئالغان تۈركىيە ئىقتىسادى، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئىسلاھاتلار سايىسىدا تېخىمۇ كۈچىيىپ، زورىيىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر