ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنى ئۇزارتىشتا كېلىشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ مۆھلىتىنى ئالتە ئاي ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

758419
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنى ئۇزارتىشتا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى دونالد تۇسك بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا داۋاملىشىۋاتقان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا تۋىتتېر ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ: «كېلىشىم تۈزۈلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ مىنسك كېلىشىمىنى يېتەرلىك ئىجرا قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ مۆھلىتىنى ئۇزارتىدۇ» دېدى.

رۇسىيە 2014-يىلى 18-مارت قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە سىۋاستوپول شەھىرىنى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز ئىشغال قىلىنىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، رۇسىيەگە ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنى 2014-يىلى ئېلان قىلغان.

ئۇزارتىلغان ئېمبارگو بويىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت رۇسىيەگە قورال سېتىپ بەرمەيدۇ. رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئىشلىتىدىغان تېخنىكىلارنى ياۋروپا ئىتىتپاقى دۆلەتلىرىدىن سېتىۋېلىشىغا چەكلىمە كەلتۈرۈلىدۇ. رۇسىيە بانكىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. بولۇپمۇ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېمبارگولار، ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم ئۇزارتىلىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ مۆھلىتى 2017-يىلى 31-ئىيۇلدا ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر