2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىكى تۈركىيە ئىقتىسادى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىكى تۈركىيە ئىقتىسادى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

757050
2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىكى تۈركىيە ئىقتىسادى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىنى دۇنيا ۋە رايوندا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۈلەڭگىسىدە ئارقىدا قالدۇرغان تۈركىيە ئىقتىسادى، بۇ جەرياندا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %5 ئەتراپىدا ئاشتى. 2016 – يىلىدىكى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارىماي، ئاخىرقى چارەكتىمۇ ئېشىشنى داۋاملاشتۇرغان تۈركىيە ئىقتىسادى، 2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ جەھەتتە تۈركىيە، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەللىرى ئارىسىدا ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا ئەللەر ئارىسىدا ئىككىنچى بولدى. ھەتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ %1.5 ئەتراپىدىكى ئېشىش نىسبەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلغىنىدا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ جەھەتتە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

2008 – يىلى يۈز بەرگەن دۇنياۋى ئىقتىسادىي كىرىزىستىن كېيىن، تا ھازىرغىچە تولۇق مەنىدە ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان دۇنيا ئىقتىسادى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا كۆرۈلگەن سىياسىي ھەرىكەتچانلىقنىڭ كۈلەڭگىسىدە مۇقىملىقتىن يىراق ھالەتنى نامايان قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تۈركىيەدە سىياسىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردىكى ئىجابىي ئەھۋاللار ئىزچىللىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. يەنە كېلىپ، دۇنيا بانكىسى ۋە ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى دېگەندەك خەلقئارالىق مالىيە ئورگانلىرىنىڭمۇ، ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، تۈركىيەدىكى ئىجابىي يۆنىلىشنى نەزەردە تۇتۇپ، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئالاقىدار مۆلچەرلىرىنى ئىستەكسىز بولۇشىغا قارىماي، يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى كۆرۈلدى.

2016 – يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بەزى خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگانلىرىنىڭ <مەبلەغ سېلىشقا بولىدۇ> سىزىقىدىن تۆۋەن بەرگەن كىرېدىت نومۇرلىرى ئارقىلىق تۈركىيە ئىقتىسادىي، چەتتىن بېسىم ئاستىغا ئېلىنىشقا تىرىشىلدى. بىراق، ئوخشاش مەزگىلدە، ئىقتىساد باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ چىقارغان قارارلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى 16 – ئاپرېل ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى بىلەن، دۆلەت مىقياسىدا سىياسىي جەھەتتىن خاتىرجەم مۇھىت قايتىدىن پەيدا بولۇشقا باشلىدى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى ئاشتى. 2016 – يىلىنىڭ تۆتىنچى چارىكىدە ئىقتىسادنىڭ %3.5 ۋە يىللىق ئوتتۇرىچە %3 گە يېقىن ئېشىشى 2017 – يىلىغا نىسبەتەن مۇھىم بىر كۆرسەتكۈچ بولدى.

2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى، 16 – ئاپرېل ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى نەتىجىسىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىدا ئىجابىي ئەكس ئېتىشى، دەپ مۇھاكىمە قىلىشقا بولىدۇ. ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى، بولۇپمۇ ئېكسپورت، مالىيە ۋە ساياھەتچىلىك دېگەندەك ساھەلەردىكى ياخشىلىنىشلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دەسلەپكى چارەكتە مۆلچەردىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان ئېشىش نىسبىتى، دەسلەپكى ئىجابىي تەسىرىنى پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرى 100 ئىندېكسىنىڭ تارىخنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

ئېكسپورتنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىكى ئېشىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدە مال ۋە خىزمەت ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %10 ئەتراپىدا ئاشتى؛ ئىمپورتتىكى ئېشىش بولسا، %1 دىنمۇ تۆۋەن بولدى. ئېكسپورت ئارقىلىق ئاشىدىغان ئىقتىساد مودېلىنى ياقلايدىغان تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى نىشانى ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە سىجىل ۋە سىغدۇرغۇچى ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈش بولىدۇ.

2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئىجابىي ھەسسە قوشقان ئېكسپورتنىڭ، نۆۋەتتىكى ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر سايىسىدا بىر پۈتۈن 2017 – يىلىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى كۈتۈلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، ئېكسپورتقا تايىنىدىغان ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سېلىنمىلارنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بولۇشىنىڭمۇ، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيە ئىقتىسادىغا دائىر مۇسبەت ئۈمىدلەرنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادىي ساھەدە يارىتىلىدىغان ئىشەنچ مۇھىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت، ئەمگەك ئىمكانىيىتى ۋە سېلىنمىلارنىڭ ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كۈتۈلمەكتە. بۇنىڭ سايىسىدا ھەم يەرلىك ھەم چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە سالىدىغان مەبلەغلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇشىنى كۈتۈشكە بولىدۇ.

تۈركىيە ئىقتىسادى دەسلەپكى چارەكتە ياراتقان بۇ ئوبراز، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئېكسپورت مەركەزلىك بىر ئېشىش مودېلى بىلەن ھەم ئىقتىسادىي مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىدا ھەم خەلقنىڭ باياشاتلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر