ياۋروپا ئىتتىپاقى Facebook قا 110 مىليون ياۋرو ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى WhatsApp پىروگراممىسىنى سېتىۋېلىش جەريانىدا خاتا مەلۇمات بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ Facebook قا 110 مىليون ياۋرو ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Facebook 2014 - يىلى WhatsApp پىروگراممىسىنى تەخمىنەن 22 مىليارد دوللارغا سېتىۋالغان، WhatsApp پىروگراممىسىنى سېتىۋالغان چاغدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرتىپكە سېلىش ئورگىنىغا خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى يىغمايدىغانلىقى، بۇ ئۇچۇرلارنى ئىككى شىركەت ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلاشمايدىغانلىقى ۋە ئەزالىرىنىڭ ھېسابلىرىنى بىرلەشتۈرمەيدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەنىدى، بىراق WhatsApp شىركىتى ئاۋغۇست ئېيىدا بەلگىلىمىلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئەزالىرىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرى، Profil ئىسىملىرىغا ئوخشىغان ھەر خىل ئۇچۇرلىرىنى باش شىركەت Facebook بىلەن ئورتاقلىشىشقا باشلىغانىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئالدىنقى ئايلاردا Facebook قا 2014 – يىلقى بىرلىشىش باسقۇچىدا بەرگەن مەلۇماتلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە ئىش قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، Facebook نى ئەيىبلىگەنىدى، شۇڭا، كومىتېت Facebook شىركىتىنىڭ كومىتېتقا بەرگەن جاۋابلىرى ۋە ئىزاھاتلىرىنى يېتەرسىز دەپ قاراپ، شىركەتكە 110 مىليون ياۋرو ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزدى.
ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چوڭ تىپتىكى شىركەتلەرنىڭ بىرلىشىشى ياكى سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە كۆزىتىش، تەكشۈرۈشتىن كېيىن شىركەتلەرنىڭ رىقابەتكە خىلاپلىق قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ھەققىدە قارار چىقىرىش ھوقۇقى بار ئىكەن.