«تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرىغا كېلىدۇ

ت ر ت نىڭ رېكورت ياراتقان تېلېۋىزىيە تىياتىرى تىرىلىش ئەرتۇغرۇل ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرىغا سېلىنىدۇ.

«تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرىغا كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرى گۈللىنىشنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىگە يەتكۈزىدىغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتە. ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرىنىڭ مەسئۇلى ھىممەت قاراداغ، «ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، داڭلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كۆۋرۈكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان لايىھەلەردىن مەبلەغ سالغۇچىلارنىمۇ بەھرىمەن قىلىدىغان خىزمەت مىخانىزمىنى تۇرغۇزىمىز» دېدى.

قاراداغ بۇ نۇقتىدا ت ر ت دە قويۇلۇۋاتقان «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرىدا ئاپتوموبىلمۇ ساتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن قاراداغ، تەلەپ قىلغانلارنىڭ تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىلنىڭ كىرىم – چىقىم ئىشلىرىغا شېرىك بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر