نىھات زەيبەكچى رۇسىيەلىك مىنىستىرغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئالېكساندىر تكاچېۋنىڭ بۇغدايغا قويۇلغان باج ئۈچۈن تۈركىيەنى تەنقىد قىلغان سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

نىھات زەيبەكچى رۇسىيەلىك مىنىستىرغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىھات زەيبەكچى تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى تەرىپىدىن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ: «رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئېيتقان <كەينىمىزدىن پىچاقلاندۇق> دېگەن سۆزلەر، خاتا تەرجىمە قىلىنغان گەپ بولۇشى مۇمكىن. بۇ <كەينىدىن پىچاقلىنىش> مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ گەپنى كىمنىڭ دېيىش ھوقۇقى بار، تالاش-تارتىش قىلساق بولىدۇ، ئەمما شۇنى بايقىدىمكى، گېپىنىڭ ئاخىرىغا دىققەت قىلغىنىمدا، <بۇ ھەر ئىككى تەرەپكە زىيان سالىدۇ. شيۇا ھەل قىلىنىشى كېرەك> دەيدۇ. ئىجابىي گەپ قىلىش كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا گەپ قىلماي جىم تۇرۇش كېرەك» دېدى.

نىھات زەيبەكچى مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك بىلەن 18-ئاپرېلدىكى موسكۋا زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ كېلەر ھەپتە رۇسىيەدىن يېزا ئىگىلىك، ئىقتىساد ۋە قاتناش مىنىستىرلىقلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەتنىڭ تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نىھات زەيبەكچى رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك بىلەن كۆرۈشىدىكەن. 6-7-ماي كۈنلىرى رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئاركادى دۋروكوۋىچ تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كېلىدىكەن.

ئۇ رۇسىيە زىيارىتىدە، شوخلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېمبارگو قويۇلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش رەسمىيەتلىرى، ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ۋىزىلىرى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرى، ئۇ يەردىكى شىركەتلەرگە قارىتا يولغا قويۇلغان بەزى چەكلىمىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ شوخلا مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلغان ئېمبارگو ھەققىدە توختىلىپ: «ئاخىرقى ئۇچرىشىش كۈنىگىچە ئېمبارگو ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئۇنداق بولدى ياكى مۇنداق بولدى دېيەلمەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر