چەت ئەللىكلەر ئالانيادىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

ئانتاليانىڭ ئالانيا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ساياھەت ھەپتىلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان يەرلىك چەت ئەللىكلەر تۆت تىلدا ئېلان قىلغان بايانات ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئالانيادىن خۇرسەن ھەم خاتىرجەم ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

چەت ئەللىكلەر ئالانيادىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۈملىدىن ئالانيانىڭ گويا ئارزۇلۇق چۈشكە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ناھىيەنى ئۆزلىرىنىڭ ئىككىىنچى ۋەتىنى دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا قىتئەسى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تۈركىيە، تەبىئىي  مەنزىرىسى، ئىقلىمى، تارىخ ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى بىلەن، مېھماندوستلۇقى بىلەن، ئاق كۆڭۈل خەلقى بىلەن ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن جەزبىدارلىق مەركەز ھېسابلىنىدۇ. چەت ئەللىكلەر بىردەك، تۈركىيە ساياھەت جەھەتتىن ئەرزان، ئەلا مۇلازىمەت جەھەتتىن رەقىبسىز بىر دۆلەت، دەپ قارىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر