تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئېنېرگىيە ۋە كان - مەدەن بايلىقلىرى سىياسىتى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە «تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئېنېرگىيە ۋە كان - مەدەن بايلىقلىرى سىياسىتى» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئېنېرگىيە ۋە كان - مەدەن بايلىقلىرى سىياسىتى

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئېنېرگىيە ۋە كان - مەدەن بايلىقلىرى سىياسىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە يېڭىلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش يولىدىكى كۈچلۈك بىر بۇرۇلۇش ھارپىسىدا تۇرماقتا.

«مۇستەقىل ئېنېرگىيە، كۈچلۈك تۈركىيە» دېگەن سۆزنى شوئار  قىلغان يېڭى يەرلىك ۋە كان – مەدەن بايلىقلىرى سىياسىتى، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە يول خەرىتىسىنى ئەتراپلىق سىزىپ، خەلقئارا سىستېمىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشان قىلماقتا.

يەرلىك ئېنېرگىيە ۋە كان – مەدەن بايلىقلىرى سىياسىتى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئېنېرگىيەنى يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە ئېنېرگىيە بازىرى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي نۇقتا ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۈچ ماددا ۋە ئۇ تەلەپ قىلىدىغان مەسئۇلىيەتنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى بارلىق قاتلاملار بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا، تولۇق ئەسلىھەلەشكەن، كەڭ دائىرىلىك بىر ئېنېرگىيە سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش زۆرۈر ئىدى؛ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ سىياسەت، بىر تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدە ئىستېمالدىن ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان جەرياندا نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىنى قەدەممۇ قەدەم بايان قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتنىڭ قول – ئىلكىدىكى مەنبەلەردىن پايدىلىنالىشى ئۈچۈن، گېئوفىزىكا، گېئوخىمىيە خەرىتىلىرىنىڭ چىقىرىلىشىغىچە بولغان ھەر خىل باسقۇچلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.

ئەمدى، «تۈركىيە نۆۋەتتە يەرلىك ئېنېرگىيە ۋە كان – مەدەن بايلىقلىرى سىياسىتىگە نېمىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى؟» دېگەن سوئالغا كېلەيلۇق.

بۇنى بىر قانچە سەۋەب ئارقىلىق ئىزاھلاش مۇمكىن؛ تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 15 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئۆزگىرىشىنى ئېنېرگىيە ساھەسىدىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈش؛ ئۆزى تەۋە بولۇۋاتقان ئوتتۇرھال كىرىمغا ئىگە دۆلەتلەر تۈركۈمىدىن چىقىپ، كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىغا كىرىش؛ تېخىمۇ يۇقىرى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يارىتىش ۋە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 10 ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ بىرىگە ئايلىنىش، نەتىجىدە ئېنېرگىيەگە تېخىمۇ ئەرزان باھادا ئىگە بولۇش؛ ئېنېرگىيە باھاسىدا كۆرۈلگۈسى داۋالغۇشلارنىڭ ئىقتىسادقا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئىمپورت ئېنېرگىيەگە بولغان %70 ئەتراپىدىكى بېقدىلىقنى ئازايتىش؛ يەرلىك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن پائال شەكىلدە پايدىلىنىشقا يۈزلىنىش؛ ئاق دېڭىز ۋە قارا دېڭىزدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدەش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش؛ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشتە دۆلەت ۋە مەنبەنى كۆپ خىللاشتۇرۇش؛ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشتە كۆرۈلگۈسى ھەرقانداق سىياسىي ياكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن، تەبىئىي گاز زاپاسلاش سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالىدا يەرلىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرۇش، تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئېنېرگىيە ساھەسىدىمۇ پائاللاشتۇرۇش ۋە رىقابەتچى سىستېما شەكىللەندۈرۈش؛ خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى رولىنى كۈچەيتىپ، تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئېنېرگىيە سىستېمىسىدا كۈچلۈك بىر ئاكتيورغا ئايلىنىشىنى قولايلاشتۇرۇش... خۇلاسىلىگەندە، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە سودا مەركىزىگە ئايلىنالىشى ئۈچۈن، مانا مۇشۇنداق بىر سىياسەتكە ئېھتىياج چۈشكەنلىكى روشەن گەۋدىلىنىدۇ.

تۈركىيە يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئىمپورت قىلغان ئېنېرگىيە ئۈچۈن يىللىق ئوتتۇرىچە 44 مىليارد دوللار، مەدەن بايلىقلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرىچە 10 مىليارد 600 مىليون دوللار پۇل تۆلىدى؛ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئېنېرگىيە ۋە مەدەن مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىنىڭ يىللىق چىقىمى ئوتتۇرىچە 55 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولدى. بۇ زور مىقداردىكى پۇل ئىقتىسادتا قىزىل رەقەم سۈپىتىدە ئەكس ئەتتى. ئەگەر ئۆتمۈشتە دۇچ كەلگەن زىددىيەتلىك ئەھۋاللارغا قايتا ئۇچراشنى خالىمايدىغان بولساق، يەنى ئىقتىسادىمىز ئاشقانسېرى ئېنېرگىيە چىقىمىمۇ ئاشىدۇ دەپ، ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىشنى خالىمايدىغان بولساق، قىزىل رەقەم ۋە ئېنېرگىيە روبىرۇ كۆرۈنىدىغان بۇ كارتىنا چوقۇم ئۆزگەرتىلىشى لازىم.

ساقلىنىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پەقەت ئېنېرگىيە مەسىلىسى بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، گۈللىنىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئۈستقۇرۇلمىسى، خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ۋە سانائىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارالىق بىر ئاكتىيورغا ئايلىنىشقا كېرەكلىك بولغان كەڭ دائىرىلىك بىر كېلەچەك پىلانى تۈزۈپ چىقىش لازىم. مۇشۇنداق قىلىش، تۈركىيەنى باي دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر