مۇئاۋىن باش مىنىستىر ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت رۇسىيە تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنىڭ بىكار قىلىنىشى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن موسكۋادا زىيارەتتە بولىدۇ.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى قاتارلىق رەھبەرلەردىن تەشكىل تاپىدىغان ھەيئەت رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئاركادى دۋوركوۋىچ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا، كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋەلەرنى ئىمپورت قىلىشقا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشى كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا يەنە، ھۆددىگەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى ۋە تۈرك ئىشچىلارنى ئىشلەتمەسلىك چەكلىمىلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى، ۋىزا تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تىرانسپورت چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرمۇ رۇسىيە تەرەپ يەتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر