15 – ئاپرىل ساياھەت ھەپتىسى

تۈركىيە پاك تەبىئەت مەنزىرلىرى ۋە مىڭلىغان يىللىق كۈلتۈر بايلىقلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىن ساياھەتچىلەرنى كۈتمەكتە.

15 – ئاپرىل ساياھەت ھەپتىسى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مىقياسىدا 20 – ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىققان ساياھەت پائالىيەتلىرى، ھەر قايسى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ پەرقلىق جاي ۋە كۈلتۈرلەرنى تونۇشىغا ھەمدە يىللىق تەتىل كۈنلىرىنى باشقا يەرلەردە ئۆتكۈزۈشىگە ياخشى ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.

بۈگۈنكى كۈندە دېڭىز ساياھىتى، كۈلتۈر ساياھىتى، سەھىيە ساياھىتى، تەنتەربىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساياھەت تۈرلىرى بارلىققا كەلدى. تۈركىيە ئۆزىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى، كۈلتۈرى ۋە بارغانچە سەرخىللىشىۋاتقان ساياھەت تۈرلىرى بىلەن 2023 – يىلىغا قەدەر دۇنيا ساياھەت ساھەسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈشكە تىرىشماقتا.

ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرىمىز ۋە خۇسۇسىي ساھەلىمىز بىلەن تەڭ مەملىكىتىمىزنىڭ خالىسانە ساياھەت ئەلچىلىرى ۋە دۆلىتىمىزدىن مەمنۇنلۇق بىلەن ئايرىلغان ساياھەتچىلەر بۇ نىشانغا يېتىشىمىزگە ھەسسە قوشماقتا.

يېڭى تەتىل پىلانلىرى تۈزۈلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ھاۋاسى پاك، تەبىئەت مەنزىرلىرى شۇنداقلا مىڭلىغان يىللىق كۈلتۈر بايلىقلىرى بىلەن دۆلىتىمىز دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىن ساياھەتچىلەرنى كۈتمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر