كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىشتە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا «كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىشتە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

701684
كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىشتە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساقلىنىۋاتقان قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر تۈركىيە ئىقتىسادى ھەل قىلىشى كېرەك بولغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا. بولۇپمۇ 2008 – يىلىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىقتىسادىي ئېشىشتىكى شۇنداقلا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمدىكى تۆۋەنلەش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارغا مەركەزلىشىش كېرەكلىكى پىكرىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۈنسېرى ئاشۇردى.

كېلەيلۇق، تۈركىيەنىڭ كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىش ئۈچۈن، ئېلىپ بېرىشى كېرەك بولغان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلار قايسىلار؟

-  ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ۋە سىجىل ھالغا كەلتۈرۈلۈشى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كىشى بېشىغا كېلىدىغان مىللىي كىرىممۇ ئاشۇرۇلۇشى كېرەك. ئىقتىسادتا دەسلەپتە نىشان قىلىنغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئەللەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى 10 دۆلەت ئىچىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن تېجەش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىمۇ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىقتىسادچانلىق ۋە سېلىنمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارغا مەركەزلىشىش بىر خىل زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى.

-  سېلىنمىلارنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىدە سىجىللىققا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ئىقتىساد قىلىنغان مەبلەغنىڭ سېلىنمىلارغا يەتكۈدەك مىقداردا مۇقىملىققا ئىگە بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. بۇنىڭ روياپقا چىقىرىلىشىدا، ئىستانبۇلنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 10 مالىيە مەركىزىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇلۇشى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مەنىدە ئىستانبۇل مالىيە مەركىزى خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى دۆلەتكە چەت ئەل سەرمايىسىنىڭ كىرىش سۈرئىتىنىمۇ ئوخشاش يۆنىلىشتە ئاشۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىقتىسادچانلىققا ئىجابىي ھەسسە قوشىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.

-  يەنە بىر تەرەپتىن، بايلىق فوندىنىڭ روياپقا چىقىرىلىشى بىلەن بىرلىكتە، ھەم چوڭ ھەجىملىك سېلىنمىلار ئۈچۈن مالىيە بولۇش ھەم مالىيە ساھەسىدىكى نازۇك نۇقتىلارنىڭ ئازىيىشىغا مۇھىم ھەسسە قوشۇلىدۇ. خۇلاسىلىگەندە، دۆلەتتە قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ئىقتىسادىي مۇقىملىق، ساغلام مالىيە ساھەسى ۋە ئېشىپ بېرىۋاتقان سېلىنمىلار كۈچلۈك ئىقتىسادچىللىقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

-  2008 – يىلىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ بازارغا قايتىدىن كىرىشى دۇنياۋى رىقابەتنىڭ يېڭىدىن جانلىنىشىغا سەۋەب بولدى. تۈركىيەنىڭمۇ بۇ رىقابەتتە ئۈزۈپ چىقىشى ئۈچۈن، تېخنولوگىيەلىك ۋە قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشى زۆرۈر. تېخنولوگىيە ۋە تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىنىڭ يارىتىلىشى تۈركىيەگە دۇنيا رىقابەت سەھنىسىدە مۇھىم ئەۋزەللىكلەرنى بېغىشلايدۇ. بۇ دائىرىدە، تۈركىيەنىڭ سىجىل ئىقتىسادىي ئېشىشنى شۇنداقلا سانائەت ساھەسىدە تېخنولوگىيەلىك بۇرۇلۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىنمىسا بولمايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

- تۈركىيەدەك ئېنېرگىيەدە سىرتقا بېقىنىدىغان بىر دۆلەتنىڭ، بۇ جەھەتتىكى بېقىندىلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن تەڭداش ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىشىنى تەقەززا قىلماقتا. قىزىل رەقەمنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنى تەشكىل قىلىۋاتقان ئېنېرگىيە ئىمپورتىغا كېتىۋاتقان چىقىمنى يەرلىك مەنبەلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغلەر ۋە ئىقتىسادىي نىشانلارغا ماس سىياسەتلەر  سايىسىدا ئازايتىش ئۈچۈن، كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا.

- بۇ دائىرىدە تۈركىيە ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئېنېرگىيە سودىسىدا مەركەز دۆلەت بولۇش مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشى ۋە بۇ يولدا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ۋە بۇ مەنبەلەرنى ئىمپورت قىلغان دۆلەتلەرنى كۆپەيتىشى مۇھىم بولۇپ قالدى. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يوللىرىنىڭ بىرى بولسا، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ۋە يادرو ئېلېكتىر ساھەسى سېلىنمىلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئۇزۇن مەزگىللىك ماكرو ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرگە ئۈزۈل – كېسىل چارە تېپىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلار، ئىقتىسادنىڭ، تېخىمۇ مۇھىمى ئىقتىسادىي ئورگانلارنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان سىياسەتلەرنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشىدا يول خەرىتىسى رولىنى ئوينايدۇ.

تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ سىجىل گۈللىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇساپىسىدە تېز قارارلارنى چىقىرىشقا ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياج بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر