دۇنيا ئىقتىسادى: قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە «ئورۇنباسار ئېنېرگىيە مەنبەسى: قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

دۇنيا ئىقتىسادى: قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە

ئورۇنباسار ئېنېرگىيە مەنبەسى: قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۆلەتلەر، بىرلا ئېنېرگىيە مەنبەسىگە بېقىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە ئورۇنباسار ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش بويىچە سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە بولۇپمۇ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تۈرلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. «تەبىئىي مەنبەلەردىن چىقىدىغان، ئىزچىل ھالدا قايتا ھاسىل بولىدىغان بىر خىل ئېنېرگىيە مەنبەسى» دەپ ئىزاھلىنىدىغان قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنى باشقا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان تۈپ ئالاھىدىلىك، تەبىئىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئۆزىنى يېڭىلىشى ۋە يوقاپ كەتمەسلىكىدۇر.

قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى، يەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى، بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى، يادرونىڭ بىرىكىش رېئاكسىيەسى ئېنېرگىيەسى، دېڭىز – ئوكيان ئېنېرگىيەسى ۋە ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىدىن تەشكىل تاپىدۇ. قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى كەڭ ئىمكانىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، دۇنيا مىقياسىدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان ئېنېرگىيە تۈرلىرى ئىچىدە تاشقاتما ئېنېرگىيەسى ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالماقتا. بىراق، يېقىنقى مەزگىللەردە سېلىنغان مەبلەغلەر ۋە تېخنولوگىيەلىك ئىلگىرىلەشلەر، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىستېمالى نىسبىتىنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە.

2015 – يىلىغا كەلگەندە دۇنيا مىقياسىدا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە سېلىنغان مەبلەغلەرگە قارالغىنىدا، بۇ ساھەدە خىتاينىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ. خىتايدىن قالسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە ھىندىستان كېلىدۇ. قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە دۇنيا ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيا ئېلېكتىر ئىستېمالىنىڭ %23.7 ىنى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى تەشكىل قىلىدۇ.

قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا سۈرئەت بىلەن كۈچىيىۋاتقانلىقى نامايان بولماقتا. بىراق، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئىچىدىكى ئېشىش نىسبىتى مۆلچەردىن تۆۋەن بولماقتا. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبىگە قارالغىنىدا، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئېنېرگىيە تەلىپى ئېشىش نىسبىتىنىڭ ئاستا بولۇشى ۋە مەۋجۇت ئۈستقۇرۇلمىنىڭ يېڭىلىنىشىغا كۆپ ۋاقىت كېتىۋاتقانلىقى؛ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە بولسا، تاشقاتما ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئېنېرگىيە سىياسەتلىرىنى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى ئاشۇرۇش ۋە بۇ ساھەدىكى تېخنولوگىيەلىرىنى ئىلغارلاشتۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللەندۈرمەكتە. بۇ ئەھۋال، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئومۇملىشىشى نۇقتىسىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

ئىستېمال قىلىۋاتقان ئېنېرگىيەسىنىڭ كۆپ قىسمىنى سىرتتىن سېتىۋالىدىغان تۈركىيەدە بولسا، بولۇپمۇ يېقىنقى 15 يىللىق جەرياندا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر ھاسىل قىلىندى. تاشقاتما ئېنېرگىيەسى ئىستېمالى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىلاردا بولۇۋاتقان تۈركىيەدە، ئېنېرگىيە سىياسىتى، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى يەرلىك ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئارقىلىق قامداپ سىرتقا بېقىنىپ قېلىشنى ئازايتىش، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ ئۇزۇن مەزگىللىك ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش – ئىستېمال قىلىش نەتىجىسىدە مۇھىتقا يەتكۈزۈلگەن زىيانلارنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللەنمەكتە.

2002 – يىلى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى كۈچى 12 مىڭ 277 مېگاۋات بولغان تۈركىيەنىڭ 2016 – يىلى كۈچى %171 ئېشىپ 33 مىڭ 352 مېگاۋاتقا يەتتى. لېكىن، ئومۇمىي ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %10 گە يېقىنىنى (سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىشىدىن باشقا) قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن ئالىدىغان تۈركىيەنىڭ، بۇ مەنىدە نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتۈشى كېرەك بولغان ئۇزۇن بىر يولنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

تۈركىيە جايلاشقان ئورنى نۇقتىسىدىن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىمكانىيىتى جەھەتتە ناھايىتى كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە بولسىمۇ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىستېمالى تېخى يېتەرلىك دەرىجىدە ئەمەس. قول – ئىلكىدىكى ئىمكانىيەتلەردىن كۆڭۈلدىكىدەك پايدىلىنالماسلىقىنىڭ ئارقىسىدا چىقىم ۋە قانۇنىي بەلگىلىمىلەردىكى يېتەرسىزلىك ياتىدۇ. دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورتىدىكى كۈچلۈك بېقىندىلىقى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، مەۋجۇت قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ئىستېمالغا سۇنۇلۇشى ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تۈركىيە ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ھاسىلات بولۇپ قالىدۇ.

ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ %70 گە يېقىنىنى چەتتىن ئىمپورت قىلىدىغان بىر دۆلەت بولغان تۈركىيە، تاشقاتما ئېنېرگىيەسىگە بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىشى ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن مەنبەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشى كېرەك. ئۇزۇن كېلەچەكتە تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدە چەتكە بېقىنىشىنى ۋە ئېنېرگىيە چىقىمىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايتىدىغان قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە؛ مىللىي دارامەت، ئەمگەك كۈچى يارىتىش، سېلىنما دېگەندەك كۆپلىگەن ساھەلەردە تۈركىيەگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ كۆپ خىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېلىدىغان ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىدىمۇ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مۇھىم بىر ئورۇنباسار ياكى تەڭداش مەنبە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تېخنولوگىيەلىرى ساھەسىدە بازىرىنى كېڭەيتىشى شۇنداقلا ئېشىۋاتقان ئىستېمال بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە، ئېنېرگىيە سودىسىدا مەركەز دۆلەت بولۇش يولىدا مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغان بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر