ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ ئېگىز بىنانى سېلىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتلىرى

ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ ئېگىز بىنانى سېلىۋاتقان ئۇيغۇر قۇرلۇلۇش شىركىتى.

428182
ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ ئېگىز بىنانى سېلىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇرۇندىن تارتىپلا دۇنيا مەدەنىيىتىگە مىسلىسىز تۆھپىلەرنى قوشۇپ، مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە ھەمدە ھەر كۈنى يېڭى – يېڭى ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىۋاتقان دۇنياغا ماسلىشىپ، غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقىمىزگە ئۈمىد بېغىشلىماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ ئېگىز بىنانى سېلىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتلىرىدۇر.

«دۇنيادىكى ياشاشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان دۆلەت» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئاۋسترالىيەنىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تىرىشچان ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى ھېسابلىنىدىغان مېلبۇرن شەھىرىدە قۇرغان «يۇنىفايد ئىنتېرور» قۇرۇلۇش شىركىتى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، كىچىكتىن زورىيىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ كېلىۋاتقان ئالدىنقى قاتاردىكى قۇرۇلۇش شىركىتىگە ئايلانغان.

شىركەت ئاۋسترالىيەدىكى كۆلىمى چوڭ بىرقانچە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىمۇ سېتىۋالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مېلبۇرن شەھىرىدىكى 80 قەۋەتلىك ھەشەمەتلىك « Vison» بىناسى رايوندىكى ئەڭ ئېگىز، مۇھىتى ياخشى ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر