تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بوستون سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

ۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى بولۇپ ھەپتىدە 5 كۈن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان سەپەرلەر، 9 - ئىيۇندىن باشلاپ ھەر كۈنى ئىجرا قىلىنىدىكەن

66743
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بوستون سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بوستون سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىركەتنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدە بۇئېنوس ئايرېس، ساۋ پاۋلو، تورونتو، چىكاگو، ھىيۇستېن، لوس ئانجېلىس، نىيۇ يورك ۋە ۋاشىنگىتوندىن كېيىن ئۇچۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان 9 - نۇقتا بوستون بولغان.
دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى بولۇپ ھەپتىدە 5 كۈن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان سەپەرلەر، 9 - ئىيۇندىن باشلاپ ھەر كۈنى ئىجرا قىلىنىدىكەن.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ماسېشۇسىتس ئىشتاتىنىڭ مەركىزى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرىى بوستونغا، ئىستانبۇلدىن 399 ياۋرولۇق بېلەت، بوستوندىن ئىستانبۇلغا بولسا 799 دوللارلىق بېلەت بىلەن ئۇچقىلى بولىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر