دەمەشىقنىڭ پۈتۈنلەي بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئۆتۈشى يېقىنلاشتى

سۈرىيە قوراللىق ئۆكتىچىلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان دەمەشىقنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئەلقابۇندىن پۇقرالار تارقاقلىشىشقا باشلىدى. بۇ شەھەرنىڭ پۈتۈنلەي بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈشكە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.