تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دوكلاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ھېچقانداق كۈچكە ئىگە بولمىغان «2018 – يىللىق تۈركىيە دوكلاتى» غا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1150038
تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دوكلاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىگە سۇنۇلىدىغان «2018 – يىللىق تۈركىيە دوكلاتى» ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «قانۇنىي جەھەتتىن ھېچقانداق كۈكە ئىگە بولمىغان، <تەۋسىيە قارارنامسى> تەرىقىسىدىكى لايىھە دوكلاتىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇزاكىرىلىرىنىڭ رەسمىي توڭلىتىپ قويۇلۇشى چاقىرىق قىلىنغان، بۇنى قوبۇل قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»

لايىھە دوكلاتىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقسوي، ئاخىرقى دوكلاتنىڭ  11 – 14 – مارت كۈنلىرى ياكى 25 – 28 – مارت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دوكلاتتىن ئورۇن ئالغان دەۋالار، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دۆلىتىمىزگە قارىتا بىر تەرەپلىمە قارىشىنىڭ نامايەندىسى. بۇ دوكلاتقا ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىگە ئاساسەن سۇنۇلغان تەكلىپلەرگە قارىتا نارازىلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز. ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا دۆلىتىمىزدە جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىگە ئۆتۈش جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ھەمدە مەۋجۇت ئىسلاھات باسقۇچى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىپ كېلىۋاتىمىز. شۇنداقتىمۇ دۆلىتىمىزگە قارشى كۈچلەرنىڭ تەشۋىقاتلىردىن ئۇزۇقلىنىپ ئوتتۇرىغا تاشلانغان دەلىل – ئىسپاتسىز دەۋالارنىڭ لايىھە دوكلاتىدىن داۋاملىق ئورۇن ئېلىشىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىمىز. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە  تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، مارت ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىنكى دوكلات تېخىمۇ ئىشەنچىلىك بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭ سىرتىدىكى دوكلاتلارنى قوۇل قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. دۆلىتىمىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق باسقۇچىدا داۋاملىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىش ئىرادىسى قەتئىيدۇر. بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى ھەممىدىن بەكرەك ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدىكى قىممەت ئۆلچەملىرىگە لاياقەتلىك بولغان خەلقىمىز ئۈچۈن خالايمىز. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى توڭلىتىپ قويۇشقا ئەمەس، ئەكسىچە بۇ باسقۇچقا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەرنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنى پاچاقلاپ تاشلاشقا ئېھتىياج باردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر