ئاقار: كەم دېگەندە 3 مىڭ دائېش تېررورچىسىنى بىر تەرەپ قىلدۇق
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سۈرىيەدە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە تەسىس قىلىنىدىغان بىخەتەر رايوندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار، مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت نىڭ ئىنگلىزچە قانىلى TRT-World نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە تەسىس قىلىنىدىغان بىخەتەر رايوندا ي پ گ / پ ك ك بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئاقار، «ئاساسلىق مەسىلە، چېگرالىرىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» دېدى.
ھېچبىر دۆلەتنىڭ چېگرالىرىدا تېررورچىلارنىڭ بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر ئاقار، تۈركىيەنىڭ بىردىنبىر نىشانىنىڭ رايوننى ي پ گ / پ ك ك، دائېش دېگەندەك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇ، فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «كەم دېگەندە 3 مىڭ دائېش تېررروچىسىنى بىر تەرەپ قىلدۇق. ھەرىكەتتىن كېيىن كەم دېگەندە 300 مىڭ ئادەم تۈركىيەدىن سۈرىيەدىكى ئۆيلىرىگە قايتتى. سۈرىيەنىڭ شىمالى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغىنىدا، بۇ رايوندىن ئايرىلغانلارمۇ ئۆيلىرىگە قايتالايدىغان بولىدۇ» دېدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ پۇقرالارغا يۈرگۈزگەن زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا ئىشارەت قىلغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، «ئەرەب ۋە كورد قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
ئۇ، تۈركىيە – ناتو مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا، «بىز ناتونىڭ ئەزاسى. مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئوراندايمىز. ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش يوق» دەپ جاۋاب بەردى.