تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 2 تېررورچىسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاكۇرك رايونىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەسناسىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تېررورچىلار ئارىسىدا ئېتىشىش يۈز بەردى؛ ۋەقەدە 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان قىسىملارنىڭ رايوندىكى چارلاش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە 2 ئاپتومات بىلەن 5 ئوقدان، پىلىمۇتقا چۈشىدىغان ئوق – دورا، 82 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك ئوقى، ئوۋ مىلتىقى، مەرگەن دۇربۇنى، 2 قول بومبىسى، 9 دانە تىزگىنەكلىك پارتلىتىش سىستېمىسى قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر